خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئەڭ غەربىدىكى جيايۈگۇەن شەھەر قوۋۇقىنى قوغداش، رېمونت قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدى. جيايۈگۇەن شەھەر قوۋۇقى مىڭ سۇلالىسىنىڭ خۇڭۋۇ 5-يىلى(1372-يىلى)ياسالغان بۇلۇپ، 1987 - يىلى ب د ت مائارىپ ، پەن ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. جيايۈگۇەن شەھەر قوۋۇقى ئۇزۇن مەزگىل رېمونت قىلىنمىغانلىقى ۋە ئۇپرىشى سەۋەبىدىن، نەچچە ئون يىل ئىچىدە جيايۈگۇەن شەھەر قوۋۇقىنىڭ كېسەك-ياغاچ قۇرۇلمىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاساسى چۆكۈپ كەتكەن، قوۋۇق تېمغا دەز كەتكەن. 2011-يىلى ئېلىمىز جيايۈگۇەن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى