باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدى كەينىدە 686 كىشى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئاشكارىلاندى

2015.10.15 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى 14-ئۆكتەبىر مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 121 تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ تور بېكىتى تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 485 مەسىلىنى ئۇدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، 686 كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىدى.

  بۇ 686 كىشىنىڭ ئىچىدە 66سى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ياكى خىزمەتتىن بوشىتىلغان، 35سى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان؛ 78ى سۇبيېكت مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن، يەتتىسى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن.

  مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 495 مەسىلە ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى ۋە مۇكاپات تارقىتىش مەسىلىسى ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ 137گە يەتكەن؛ ئۇنىڭدىن قالسا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، پۇل بېرىش-ئېلىش مەسىلىسىدىن 89ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىسىدىن 80ى، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 54ى، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش مەسىلىسىدىن 41ى، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسىدىن 20ى باركەن.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر