باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا بەش تارماق بىرلىكتە تۇرالغۇ جامائەت فوندى سىياسىتىنى تەڭشەپ ئولتۇراق ئۆي ئىستېمالنى قوللاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2015.10.15 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندىن بۇيان، ئاپتۇنۇم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر -يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، ئاپتۇنۇم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى، جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتى شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىكتە تەدبىر قوللىنىپ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئولتۇراق ئۆي ئىستېمال سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى نىسبىتى % 85 تىن تۆۋەن بولغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر شۇ يەردىكى ئۆي باھاسى سەۋىيىسى ۋە قەرز پۇلنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ۋاقتىدا تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئەڭ يۇقىرى سوممىسىنى تەڭشەپ ئۆستۈرۈپ، ھەمدە ئەمەلىي بېرىلىدىغان قەرز پۇل سوممىسى جەھەتتىكى نامۇۋاپىق چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. ئەڭ يۇقىرى قەرز پۇل سوممىسى پىرىنسىپ جەھەتتە ئادەتتىكى تاۋار ئۆي ئومۇمىي ئۆي پۇلىنىڭ % 80 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بەلگىلەندى : تۇرالغۇ فوندىنى نورمال تاپشۇرغان ئىشچى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆزى ۋە جورىسىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئالسا بولىدۇ، ئۆزى تۇرىدىغان تۇرالغۇنىڭ ئۆي-زېمىن خوجىلىقى باشقۇرۇش ھەققى ئۈچۈن ئىشلەتسە بولىدۇ ؛ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى يوق ۋە بېزەش ھەرىكىتىنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلالمىغان ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئادەتتىكى ئۆزىنىڭ ئۆيى ھوقۇق تەۋەلىكى ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ، بەلگىلىك مىقدار بويىچە بىر قېتىم ئۆزى ۋە جورىسىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىسىنى ئاجرىتىپ ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىنى بېزەشكە بولىدۇ، ئېلىش سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

  جايلار مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، كەسىپ تەرتىپىنى يەنىمۇ ياخشىلاش، تەستىقلاش ھالقىلىرىنى، بېجىرىش مۇددىتى قىسقارتىش، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە مۇنۇلار ئېنىق تەلەپ قىلىندى: تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى تاپشۇرغان ئىشچى ئورۇن تەكشۈرۈش ھالقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي سېتىۋېلىش بېجىرىش تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۇنجى پۇل چىقىم قىلىش كەسپى، تۇنجى پۇل چىقىم قىلىش ھۆججىتى ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىگە يەتكەن پېچەتلەنگەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر كىملىك بىلەن پېنسىيىگە چىققان تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئېلىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ، پېنسىيىگە چىققان ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ ئۆي - ماكانسىز قالغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى بىلەن ئۆي ئىجارىسى تۆلىگەنلەر بولسا، سالاھىيەت ئىسپاتى ، ئۆزىنىڭ ۋە جۆرىسىنىڭ ئۆيى يوقلۇق ئىسپاتىدىن باشقا، باشقا ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تەمىنلىشى ھاجەتسىز. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر