باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن باشلىنىدۇ، خىزمەتتىكى مەمۇرلارنىڭ تىزىملىتىشىغا بولمايدۇ

2015.10.15 13:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن باشلاندى. بۇ قېتىملىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلىنىپ، تارىختىن بۇيانقى يېڭى رېكوردنى ياراتتى. بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش خىزمەتتىكى مەمۇرلار ۋە مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان ئورگان(ئورۇن)لارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولمايدىكەن. بۇ دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى قېتىم تۈزۈم سىرتىدىكى كىشىلەردىن ئادەم قوبۇل قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىمتىھانغا تىزىملىتىشتا ئاساسلىقى توردا تىزىملىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، تىزىملىتىش ۋاقتى 2015-يىلى 15-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە بولىدۇ. ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يازمىچە ئىمتىھانى 2015-يىلى 29-نويابىر ئېلىنىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر