باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك تىزگىنلەندى

2015.10.13 09:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك تىزگىنلەندى. ئىنتىزامنى چىڭىتىپ تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلنىڭ يامىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ، جايلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. مىكرو بىلوگ، ئۇندىدار ۋاسىتىسى ئارقىلىق، ئاممىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. 8-ئۆكتەبىر كەچتە خېنەن ئۆلكىلىك لېيخې شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پاك لېيخې ئۇندىدار ئاۋام نومۇرى ئارقىلىق، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. ناھىيە رايونلار تۇتىشىدىغان جايلارنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بايرام ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ نۇقتىلىق تەكشۈردى.

  باۋدىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 18-، 22-، 30-سېنتەبىر ئۇدا ئۈچ قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىگە خىلاپ 15 تىپىك مەسىلىنى ئۇقتۇرۇپ، بايرام ئىنتىزامىنى قايتا تەكىتلەپ، توغرا ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇردى. تىز سۈرەتلىك يول مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ، بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈپ ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىلىرىگە قارىتا، شېنياڭ شەھىرى بىرلەشمە نازارەت قىلىش ئىشخانىسى كۆپلىگەن تىز سۈرەتلىك يول ئېغىزلىرى، ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدا خۇپىيانە تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىپ، گۇمانلىق 213 ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى تەكشۈردى . ھازىر ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى شەخسىي ئىشلارغا ئىشلەتكەن بەش مەسىلە بايقالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر