باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

IS بومباردىمانغا ئۇچراپ مۇھىم خادىملىرى ئۆلدى

2015.10.13 09:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقتىكى يەرلىك ئاھالىلەر ۋە دوختۇرخانىلاردىكى خەۋەردار كىشىلەر «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئىراقنىڭ غەربىي قىسمىدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەندە ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، سەككىز مۇھىم خادىمى نەق مەيداندا قازا قىلدى، ئەمما كاتتىۋېشى باغدادى ساق قالدى، دېگەن.

  ئىراق ئارمىيەسى: «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» رەھبەرلىرىنىڭ يىغىلىشىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدۇق، باغدادى كېيىن ماشىنا بىلەن ئېلىپ كېتىلدى، ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس، دېگەن.

  ئەمما مەخسۇس «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ باياناتىنى ئېلان قىلىدىغان بىر تور بېكەتتە «مەلۇم ھاۋا ھۇجۇمىدا باغدادى نىشان قىلىندى» دېگەن خەۋەرلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، دېيىلدى.

  باغداتتىكى نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر كوماندېرى: بىز باغدادىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆلتۈرۈلگەنلىك ياكى يارىلانغانلىق ئالامىتىنى كۆرمىدۇق، دېگەن.

  ئىراق ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئىراق ھاۋا ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ كاتتىۋېشى باغدادىنىڭ كالونىنى بومباردىمان قىلدى، شۇ چاغدا ئۇ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قوماندانلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماشىنا بىلەن كارابراغا كېتىۋاتاتتى.

  كارابرا ئىراقنىڭ غەربىي قىسمىدا بولۇپ، سۈرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئەنبار ئۆلكىسىدىكى شەھەر، ئەنبار ئۆلكىسى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ لاگىرى.

  ئىراق ئارمىيەسى مۇنداق دېدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ يىغىن ئاچماقچى بولغان يېرىمۇ بومباردىمان قىلىندى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن باشلىقلىرى ياكى قازا قىلدى ياكى يارىلاندى. ئەمما كاتتىۋېشى باغدادىنىڭ ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس، ئۇنى بىر ماشىنا ئېلىپ كەتتى.

  باغدادىنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى سىرلىق بولۇپ، نىقاپلىنىپ يۈرىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات خادىملىرى ئۇنى «شەيتان كۆلەڭگىسى» دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ بازا تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق. باغدادى 2010-يىلى بازا تەشكىلاتىغا كىرگەن، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قوماندانىغا ئايلانغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باغدادىنىڭ غازاتچىلىرى راك ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش كېڭەيدى، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تارماقلىرى ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئادەم» دەپ قارايدۇ، شۇڭا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»مۇ «بىن لادىندىن كېيىنكى دەۋر»دىكى تېررورلۇقنىڭ يېڭى بەلگىسىگە ئايلىنىپ قالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر