باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش جىددىي ئۇقتۇرۇشى بېسىپ تارقىتىلدى

2015.10.13 09:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن تۆتىنچى پەسىلدىكى قانۇننى ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى يىغىلىپ قالغان دېلولارنى ئېنىقلاش خىزمەت پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، مۇلازىمەت كاپالىتى ، نازارەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى سەپتىكى سوتچىلارنىڭ پۈتۈن زېھنىنى قانۇننى ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىشكە مەركەزلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىپ، پۈتۈن بىر يىللىق دېلو بېجىرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا يەنىمۇ ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم. تۈرلۈك دېلولار تىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، خادىملار ۋە دېلولارنى تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، چەكلىك سوتلاش بايلىقىنى دېلو بېجىرىش بېسىمى زور بولغان ئىش ئورۇنلىرىغا سەپلەش لازىم. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىق ، ئاممىۋى پاراۋانلىق، باغلىنىشچانلىق بولغان ، ئۇزۇن مەزگىل سۆرۈلۈپ كەلگەن، ئېغىر نازۇك دېلولارنى بېجىرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق ئاممىسىنى زىددىيەت ئىختىلاپلارنى ئەرز قىلمايدىغان يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىنى تاللاشقا يېتەكلەش لازىم. ئەرز قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە ئوتتۇرىسىدىكى ياراشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سودا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ئاددىي دېلولارنى ئەرز قىلىشتىن بۇرۇن ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىش لازىم. نازارەت قىلىش فۇنكسىيىلىك ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن دېلو قوبۇل قىلماسلىق، ئەرز قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇرلاش، خاتا ھالدا دېلو ئاياغلاشقانلىقىنى دوكلات قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر