باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نويابىردىن تارتىپ 28 مەمۇرىي كەسپىي ھەق بىكار قىلىنىدۇ

2015.10.13 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-نويابىردىن تارتىپ، 37 مەمۇرىي كەسپىي ھەق مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بىكار قىلىنىدۇ ۋە ئېلىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ؛ كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تارماقلارغا قاراشلىق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم ئىختىساسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئورگانلىرى ئالىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ كوللېكتىپ نوپۇسىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ھەققى، جۈملىدىن تىجارەت مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق بىكار قىلىنىدۇ. بۇ قېتىم بىكار قىلىنغان ۋە ئېلىش ۋاقتىنچە توختىتىلغان مەمۇرىي كەسپىي ھەقلەر نىكاھقا تىزىملىتىش خاتىرە ئىسپاتى ھەققى، ئۆي ئىجارىسى رەسمىيەت ھەققى، چېگرىدىن كىرىشتىكى ۋىزا ھەققى، ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىش ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيەلەر، باھا تارماقلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلار تەسىس قىلغان مەمۇرىي كەسپىي ھەق تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ھۆكۈمەت تەمىنلەيدىغان ئادەتتىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ياكى ئاددىي خاراكتېرلىك باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى ھەم ئۇنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان ئادەم بېقىش، بازارنىڭ ئىقتىساد تۈپ پىرىنسىپىغا خىلاپ نامۇۋاپىق ھەق تۈرلىرىنى بىكار قىلىشى، تۈرلۈك قالايمىقان ھەقلەرنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. مەلۇماتقا قارىغاندا، 2013-يىلى شۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەز قاتلىمىدىن 427 مەمۇرىي كەسپىي ھەق ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئېلىش ۋاقتىنچە توختىتىلىپ، ئازايتىلىپ ۋە كەچۈرۈم قىلىنىپ، ھەر يىلى كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ يۈز مىليارد يۈەنگە يېقىن يۈكى يېنىكلىتىلگەن. يەرلىك قاتلامدىن ئۆز رايونىدا تەسىس قىلىنغان زور بىر تۈركۈم ھەق تۈرلىرى بىكار قىلىنغان، ئازايتىلغان ۋە كەچۈرۈم قىلىنغان، 2014-يىلىلا ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر 600 دىن ئارتۇق ھەق ئېلىش تۈرىنى بىكار قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر