باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لۇكاشىنكو: بېلورۇسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ

2015.10.13 09:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېلورۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشىنكو تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: بېلورۇسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوتتۇرغا قويغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىغا پائال ماسلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىشنى خالايدۇ.

  لۇكاشىنكو مۇنداق دېدى: 20 نەچچە يىل بۇرۇن، بېلورۇسىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردىلا جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى، ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ئىلگىرىلىدى.

  لۇكاشىنكو مۇنداق دېدى: بېلورۇسىيە يېقىندىن بۇيان ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېتىبارلىق قەرز قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ياردەملەرنى بەردى، بېلورۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بېلورۇسىيە ئىلگىرىكىدەكلا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بېلورۇسىيەگە مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ، بېلورۇسىيە جۇڭگونىڭ يۇقىرى تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىنى جەلپ قىلىپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى بار ھەمكارلىق تۈرلىرىنى جەلىپ قىلىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر