باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭدا ئېچىلدى

2015.10.12 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:10-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك ئۇنىۋېرسال سەنئەت مەكتەپلىرى 21 - قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئېچىلدى. يىغىندا بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت ۋە ئاخبارات ئىنىستىتۇتى، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتى، جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى«بىر بەلباغ ، بىر يول » زور تەرەققىيات پۇرسىتى ئالدىدا، سەنئەت ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،« يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە تەرەققىي قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش »تېمىسىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ئاستىدا، قېرىنداش ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردەم بېرىشى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككىدەك تەرەققىيات نەتىجىلەر قولغا كەلدى. شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى.ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : كۆپچىلىكنىڭ يىغىندا ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ،شىنجاڭ سەنئەت مائارىپ ئىشلىرى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ياخشى سىياسەت ھاسىل بولىشىنى، شىنجاڭنىڭ سەنئەت ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر