باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 11- ئايدىن باشلاپ 38 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقى ۋە توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

2015.10.12 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خىزمەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەق ئېلىش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ

  مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2015-يىلى 1-نويابىردىن باشلاپ، 37 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش بىر تۇتاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قارمىقىدىكى جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئالىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ كوللېكتىپ نوپۇسىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ھەققى، تىجارەت خاراكتېرلىك مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى.

  بۇ قېتىم ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە ۋاقتىنچە توختىتىلغان مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تويلىشىشنى تىزىملاش (تىزىملاتمىغانلىق) خاتىرىسى ئىسپاتى بېرىش ھەققى، ئۆي ئىجارىگە بېرىش رەسمىيەت ھەققى، چېگرادىن كىرىش ۋىزا ھەققى، ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىش ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئالاقىدار مەسئۇل خادىم ھەق ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە ۋاقتىنچە توختىتىلغان تۈرنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بەش خىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى:

  بىرىنچى، گوۋۇيۈەن يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى ۋە كەسپىي سالاھىيەتنى بېكىتىشكە ئالاقىدار ئىشلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىمتىھان ۋە ئىمتىھان ئىشلىرى ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇلار كارخانا قانۇن مەسلىھەتچىسىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمتىھانى ۋە ئىمتىھان ئىشلىرى ھەققى، سۈپەت كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى ۋە ئىمتىھان ئىشلىرى ھەققى قاتارلىق 14 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،

  ئىككىنچى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىزمىتى ھۆكۈمەت تەمىنلەيدىغان جامائەت مۇلازىمىتى ياكى ئادەتتىكى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بولسا ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىدىن چىقىم قىلىشى، باشقۇرۇش ياكى مۇلازىمەت ئوبيېكتىدىن ھەق ئالماسلىقى كېرەك. بۇلار ھايۋانات ۋە ھايۋاناتلارنى كارانتىن قىلىش ھەققى، ئىختىساسلىقلارنىڭ كوللېكتىپ نوپۇسىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ھەققى قاتارلىق 12 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۈچىنچى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «كەسپىي جەمئىيەت، سودا ئۇيۇشمىلىرىنى مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئايرىش ئومۇمىي پىلانى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ قارمىقىدىكى تۈرلۈك تەنتەربىيە جەمئىيەتلىرى مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئايرىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئەسلىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. بۇلار مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى شەخس ۋە كوللېكتىپنىڭ يىللىق تىزىملاش ھەققى، كۇلۇب تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئالمىشىش رەسمىيەت ھەققى قاتارلىق ئالتە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.تۆتىنچى، گوۋۇيۈەننىڭ «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار تەلىپى بويىچە تەشكىلىي ئاپپاراتنىڭ كود كىنىشكىسى بىلەن باج تىزىملاش كىنىشكىسى، تىجارەت كىنىشكىسى بىرلەشتۈرۈلىدۇ، تەشكىلىي ئاپپاراتنىڭ كود كىنىشكىسىدىن ھەق ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.بەشىنچى، قانۇن، مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋاستىسى ئارقىلىق ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك باشقۇرىدۇ، ھەق ئېلىش ئارقىلىق تەڭشەش، ياۋايى ھايۋانلارنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش باشقۇرۇش ھەققى، چېگرادىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇش ھەققى، چىگرىدىن كىرىش ۋىزا ھەققى قاتارلىق بەش تۈرلۈك ھەق ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر