- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پەلەستىن ب د ت نىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ جىنايى ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى
2015.10.09 16:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن ھۆكۈمىتى 8-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تىزدىن پەلەستىنگە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەر ئالدىدا ئۆتكۈزگەن جىنايى ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پەلەستىنلىكلەرنى دەرھال قوغدىشى تەلەپ قىلىندى.
يېقىندىن بۇيان، پەلەستىن ئىسرائىلىيە رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يامانلىشىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى 8- ئۆكتەبىر يەنە كەسكىنلەشتى، شۇ كۈنى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىغىدىكى كۆپلىگەن جايلاردا پەلەستىنلىك نامايىشچىلار بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق توقۇنۇش يۈز بەردى.
بۇ نۆۋەتلىك توقۇنۇشتا پەلەستىنلىك 8 كىشى قازا قىلدى، تېلېگراف مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 750 كىشى يارىلاندى. ئىسرائىلىيە تەرەپتىن تۆت كىشى قازا قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر