باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي كەسىپ ۋە ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى مەركەز قىلىپ، نازارەت قىلىش ۋە ئىنتىزام ئىجراسى كۈچىنى كۈچەيتىشىدىكى ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى

2015.10.09 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرايلى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى ۋەزىيەتتە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپنى مەركەز قىلىپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنى ئەۋەتىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىدىكى «ئۈچ بۇرۇلۇش»نى كۈچەيتىپ، «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كۆزىتىش قورالىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئاشكارا سىياسىي مۇھىتنىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى دۆلەت قانۇنىدىن ئۈستۈن قويۇش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ۋە قائىدىلىك بولۇشنى يەنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشى ھەم تەشكىل ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك.

  ئىلگىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولاردىن كادىرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشىدىن باشلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەسئۇلىيەتكە توغرا ئورۇن بەلگىلەپ، ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قىلمىشلىرىغا باھا بەردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «دېلو بېجىرىش»نى «ئىنتىزام تەكشۈرۈش» دەپ قېلىپلاشتۇرۇدى، «دېلونىڭ يىپ ئۇچى»نى «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلىدىغان يىپ ئۇچى» دەپ قېلىپلاشتۇردى، نامنىڭ ئۆزگۈرۈشى فونكسىيەلىك ئورۇن بەلگىلەشنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى يەنىمۇ ئەكىس ئەتتۈردى. تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولۇۋاتىدۇ، مەسىلەن: ئىنتىزام تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندا، دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە نىزامنامىسىنى قايتا ئۆگىنىشكە تەشكىلەپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، تېز تەكشۈرۈپ، تېز بېجىرىپ، ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنى بايقىغان ۋە ئاساسلىق ئىنتىزامغا خىلاپ پاكىتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا چېتىلىدىغانلىرىغا تەرتىپ بويىچە تېزدىن ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى، قانۇنغا خخلاپ جىنايەتلەرگە چېتىلىدىغانلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ۋاقتىدا يوللاپ بەردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر