باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر ئاممىسى ئۈمىد ئىچىدە ئۇرۇش خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلىدى

2015.10.09 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر ئاممىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئېسىدە ئەڭ چوڭقۇر قالغىنى ھەم ئۇلارنى چەكسىز ئىپتىخارلىققا چۆمدۈرىدىغىنى 1-، 2-دۇنيا ئۇرۇشى بولماستىن، بەلكى 42 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن 4-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى، يەنى ئۆكتەبىر ئۇرۇشى ئىدى. مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەربىيلەر ۋە ئامما 6-ئۆكتەبىر چوڭ-كىچىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئۆكتەبىر ئۇرۇشى خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلىدى.

  قەدىرلىك دوستلار، مىسىر يېقىندا ئامېرىكا، فىرانسىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن سېتىۋالغان يېڭىچە كۈرەشچى ئايروپىلانلار رەڭلىك ئىسلارنى چىقىرىپ قاھىرە ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى؛ قوللىرىغا ئۈچ خىل رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ئېلىۋالغان ئەر-ئايال، قېرى-ياش پۇقرالار كۈچلۈك ئالقىش ياڭراتتى؛ ھەربىيلەر مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، زۇڭتۇڭنىڭ پاراتنى قوبۇل قىلىشىدىن ئۆتتى؛ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇرۇش خاتىرە فىلىملىرى ھەم ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى تەڭرار قويدى. مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەربىيلەر ۋە ئامما 6-ئۆكتەبىر چوڭ-كىچىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئۆكتەبىر ئۇرۇشى خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلىدى.

  مىسىر ئاممىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئېسىدە ئەڭ چوڭقۇر قالغىنى ھەم ئۇلارنى چەكسىز ئىپتىخارلىققا چۆمدۈرىدىغىنى 1-، 2-دۇنيا ئۇرۇشى بولماستىن، بەلكى 42 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن 4-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى، يەنى ئۆكتەبىر ئۇرۇشى ئىدى. 1967-يىلىدىكى 3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت سەۋەبىدىن مىسىر پۈتكۈل سىناي يېرىم ئارىلىدىن مەھرۇم قالدى، پۈتۈن مەملىكەتنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە چەكسىز خورلۇق كەيپىياتى قاپلاپ، قانچىلىك قانلىق بەدەل بېرىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، قولدىن كەتكەن جايلارنى چوقۇم قايتۇرۇۋالىمىز دەپ قەسەم ئىچىشتى. ئەينى چاغدا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنى ئويلىشىپ، مىسىرنىڭ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى، ھالبۇكى، سادات رەھبەرلىكىدىكى مىسىر ھۆكۈمىتى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بېسىم ئىشلىتىشىگە بەرداشلىق بېرىپ، 1973-يىلى 6-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قوزغاپ، تاجاۋۇزچىلارنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، ئىسرائىلىيە يېڭىلمەيدۇ دېگەن ئەپسانىنى بىتچىت قىلدى. 20 نەچچە كۈن داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇش ئاخىرى تەڭ كېلىپ قېلىش بىلەن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلىيەنى تەن بېرىشكە مەجبۇرلاپ، سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كەلدى ھەم ئاخىرىدا ئىسرائىلىيە مىسىر بىلەن مىسىر-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىغا ئاساس سېلىپ بەردى، شۇندىن تارتىپ، ئەرەبلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئۇرۇش بولمىدى، ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى ھەقىقەتەن چوڭ دېيىشكە بولىدۇ.

  بۇ يىللىق ئۇرۇش خاتىرە كۈنى بەكمۇ ئالاھىدە بولدى، چۈنكى ئۆتكەن بىر يىلدا، مىسىردا خۇشخەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن تارقالدى. 2014-يىلى 1-ئىيۇلدىن بۇ يىل 30-ئىيۇنغىچە، مىسىرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %4.1 ئېشىپ، ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكى %2 تىن زور كۆلەمدە ئۆستى؛ بۇ يىل 8-ئايدا مىسىر ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىن ھازىرغىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تەبىئىي گازلىقنى قىدىرىپ چىقتى، ئۇنىڭ زاپىسى 850 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ-مىسىرنىڭ تەبىئىي گاز زاپىسىنى %50 كە يېقىن ئاشۇرىدۇ؛ بۇ يىل 8-ئايدا، يېڭى سۇۋەيىش قانىلى بىر يىل قۇرۇلۇش قىلىنىش ئارقىلىق پۈتۈپ ئېچىلدى، پاراخوتلارنىڭ ئۆتۈش سانى ۋە قانال كىرىمىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىدىن ئۈمىد بار؛ بۇ يىل 3-ئايدىكى مىسىر ئىقتىسادىي تەرەققىيات يىغىنى مىسىرغا 36 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بىۋاسىتە مەبلەغ ئېلىپ كېلىپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، قاتناش قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى؛ مىسىرنىڭ ساياھەتچىلىكى قايتىدىن جانلاندى، بۇ يىل 10 مىليون چەتئەللىك ساياھەتچى كۈتۈۋېلىشىدىن ئۈمىد بار؛ زۇڭتۇڭ سېسى ئۆتكەن بىر يىلدا رۇسىيە، جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە بېرىپ، نۇرغۇن ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا ۋە ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى يىل بۇرۇنقى داۋالغۇش، بۆلۈنۈش ۋە چېكىنىش بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى.

  پايتەخت قاھىرەدىكى نامسىز قۇربانلار مەيدانىدا، ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئامما شۇ كۈنى ئۆزلۈكىدىن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان ئېھتىرام جىلۋىلەندى ھەم دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى.

  پېنسىيەگە چىققان 55 ياشلىق ئىشچى مۇھسىن ئىبراھىم قارا كۆزەينەك تاقاپ، ئاق كاستۇم كىيىپ، قولىغا غاڭزا ئېلىپ، ھاسا تۇتۇۋالغان ئىدى، ئۇ بۇ ھالىتى بىلەن يۇمۇرلۇق قىلىپ سابىق زۇڭتۇڭ ساداتنى دورىدى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۆكتەبىر ئۇرۇشى يۈز بەرگەندە، مەن ئاران 13 ياش ئىدىم، شۇنداق بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئەينى چاغدىكى مىسىر ئارمىيەسى بىلەن خەلقىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، تاجاۋۇزچىلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرغانلىقىنى ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن. شۇندىن تارتىپ، مەن ھەر يىلى ئۆكتەبىر ئۇرۇشىنىڭ خاتىرە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتىمەن.

  19 ياشلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئامان مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئەينى يىللىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەن، بىز ياشلار بۇ نۇقتىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە مىسىرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى ياشلارنىڭ ئۆز ئىستىقبالىغا بولغان تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچىسىگە تۈرتكە بولدى، شۇڭا بىز بۇ ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ياشلىق باھارىمىزنى دۆلەتنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئاتىشىمىز لازىم. 42 ياشلىق تاكسى شوپۇرى ئايمان ئەھمەد مۇنداق دېدى: ئۆكتەبىر ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى مىسىرنىڭ غەلىبىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەرەب دۇنياسىنىڭ غەلىبىسى، بۇ ئۇرۇشتىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھى تا ھازىرغىچە مىسىر خەلقىگە ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە، بىز مۇشۇ روھنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرساقلا، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.

  كەچ كىرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلار قايتىپ كېتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇلار ياكى دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، ياكى قول تۇتۇشۇپ ئۇسسۇل ئويناپ ۋە ياكى ماشىنىنىڭ كانىيىنى رېتىملىق بېسىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بىلەن دۆلەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ھەم كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلەشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر