باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما يېڭى دۆلەت مۇداپىئە قانۇن لايىھەسىنى نېمە ئۈچۈن رەت قىلماقچى بولىدۇ

2015.10.09 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 8- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى«شىنخۇا خەلقئارا» ئابونچىلار كۆزنىكىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يېقىندا سەل خاپا بولۇپ قالغان، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىنى ئۇقۇشماي بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن، ئۇ كەچۈرۈم سوراش ھەم ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تېرىغان «بالا قازا»نىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراش بولدى، ئاۋام پالاتاسى مۇشۇ چاغدا 2016- يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى بېرىش قانۇن لايىھەسىنى سۇنغانلىقى ئۇنى تېخىمۇ بىئارام قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى توسىماقچى بولۇۋاتىدۇ.

  ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 7- ئۆكتەبىر ئاۋازغا قويۇپ، 70 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 27 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئومۇمىي سوممىسى 612 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئە قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە ئوبامانىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلىدىكەن.

  ئۆتكەن ھەپتە ئاۋاما پالاتاسى 269 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 151 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن بۇ لايىھەنى ماقۇللىغان.

  ئوباما مۇنداق دېدى: بۇنداق قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلىمەن، چۈنكى بۇنداق قانۇن لايىھەسى مەن تەلەپ قىلىۋاتقان خىراجەتنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، بىراق بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى نۇرمىدىن سىرت 38 مىليارد دوللار بىلەن بوغالتىرلىق تۈرى ئوخشىمايدىغان باشقا ئۇرۇش خىراجەتلىرى تولدۇرۇلىدۇ. پارلامېنت مەن ئۈمىد قىلغاندەك ئىچكى ئاپپاراتلارنىڭ خىراجىىتىنى كۆپەيتمىگەن.

  باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خىراجىتىنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئاجرىتىلىشى شەكلى ئوبامانى رازى قىلالمىغان. ئۇ قايتا تەقسىملەشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر