باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تۆت ئالتۇن مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ۋاڭ مېڭ شىنجاڭغا كېلىپ، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ جابدۇق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

2015.10.10 13:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ جابدۇق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 9-ئۆكتەبىر شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۆت ئالتۇن مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ۋاڭ مېڭ بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  ۋاڭ مېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر مۇز تېيىلىش، قار تېيىلىش قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرىگە قاتناشماقتا، بۇ ئېلىمىزدىكى قىشلىق تەنھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ناھايىتى زور ياردىمى بولىدۇ. پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تەنھەرىكەت ئەسلىھەلىرىنىڭ كەسپىي خاسلىقى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى، مۇقىم جارى قىلدۇرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئەلا نەتىجىلەرنى ياراتىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر