باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا

2015.10.09 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا بانكىسىنىڭ يىللىق يىغىنى پات يېقىندا پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا ئېچىلىدۇ. بۇ يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان، بۇنداق يىللىق يىغىننىڭ تۇنجى قېتىم لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىدە ئېچىلىشى. ھازىر لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىقتىسادىي خەۋپى يوشۇرۇن ھالەتتە بولۇپ، ئېشىشى ئاجىز بولماقتا. يىغىننىڭ ئېچىلىشىدىمۇ قىسىپ تەڭشەش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادى كۆزدە تۇتۇلغان.

  بۇ يىل 3-پەسىلدە، لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يەنىلا داۋاملىق ئاستىلىدى. بۇ يىللىق يىغىن ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب ئىقتىسادى كومىتېتى لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق ئېشىش كۆزلەنمىسىنى تەڭلا مىنوس %0.3كە چۈشۈردى. بۇمۇ ئىككى چوڭ ئاپپاراتنىڭ بۇيىل كىرگەندىن بۇيان لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سانلىق مەلۇماتىنى 3-قېتىم چۈشۈرىشى.

  لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك ئاستىلاش بىلەن بىرگە، رايوندىكى ئېشىشتا جەنۇب-شىمالنىڭ بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى تېخىمۇ روشەنلەشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، مېكسىكا ۋەكىللىكىدىكى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە كارب رايونى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە خەلقئارا خام ماتېرىيال باھاسىنىڭ چۈشۈشى تەسىرىدە ئىقتىسادى يەنىلا مۇقىم ئېشىشنى ساقلىدى، برازىلىيە، ئارگېنتىنا ۋە ۋېنسۇئىلا ۋەكىللىكىدىكى جەنۇبىي قىسىمدىكى خام ماتېرىيال ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر چوڭ تاۋارلار مىقدارى ۋە باھاسىنىڭ تەڭ چۈشۈشىنىڭ تەسىرىدە ئېشىش ئىستىقبالى ياخشى بولماي قالدى، بۇنىڭ ئىچىدە برازىلىيەنىڭ ئەھۋالى كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۇنيادىكى 7-چوڭ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 1-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان برازىلىيە ئىقتىسادى داۋاملىق يامانلاشتى، يېقىنقى ئىككى پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق چۈشتى، نەزەرىيە جەھەتتىن خارابلاشتى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئىقتىسادى %3 چېكىنىدىكەن. يېقىندا، خەلقئارا باھالاش ئاپپاراتى بولغان مۇدى مەبلەغ سېلىش مۇلازىمەت شىركىتى بىلەن فىچ ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش چەكلىك شىركىتى برازىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرز دەرىجىسىنى ئارقا-ئارقىدىن چۈشۈردى، ئۆلچەم ۋە پۇر شىركىتى برازىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرز مەبلەغ سېلىش دەرىجىسىنى «ئەخلەت دەرىجىسى»گە چۈشۈرگەن ئىدى.

  برازىلىيە ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى خەۋپ تۇمانلىرى قاپلىغان ئارگېنتىنا ئىقتىسادىغىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ئارگېنتىنا ئېكىسپورتىنىڭ تەخمىنەن %20ى برازىلىيەگە سېتىلىدۇ، يېقىندا برازىلىيە رىيالىنىڭ زور دەرىجىدە كۇرسى چۈشۈشى ئارگېنتىنانىڭ تاشقى سودىسىغا ئېغىر زەربە بولدى. يېقىندا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب ئىقتىسادىي كومىتېتى ئارگېنتىنا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى يىل بېشىدىكى %0.7تىن %1.6كە ئۆستۈردى، ئەمما بىر قەدەر يۇقىرى مالىيە قىزىل رەقىمى ۋە پۇل پاخاللىق نىسبىتى ھەمدە زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي لۇشيەنگە پەيدا قىلىدىغان مۇقىمسىزلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئارگېنتىنا ئىقتىسادى قايتىدىن كۈچىگە كېلەلەمدۇ-يوق، بۇنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدېرى لاگاردى يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا نۆۋەتتىكى لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىنىڭ ۋەزىيىتىنى «شىددەت بىلەن ئاستىلىماقتا» دەپ سۈپەتلىدى. ھازىر لاتىن ئامېرىكىسى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى «شىددەت بىلەن ئاستىلاش»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان تاشقى سەۋەب توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك قارىشى شۇكى، جۇڭگو قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى چوڭ تاۋارلار مىقدارى ۋە باھاسىنىڭ تەڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەمدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىق زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش كۆزلىمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكى لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىدە چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئازىيىشى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرقىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  بۇندىن باشقا، خەلقئارا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇلتۇر، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىدە تۆۋەن تەننەرقلىق بوشىتىلغان خەلقئارا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي قەرز كۆلىمى ئۈزلۈكسىز زورايدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىق زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش كۆزلىمىسى كۈچەيدى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدېرى لاگاردى ھەتتا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىق زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرىشى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى ئۆسۈشى لاتىن ئامېرىكىسى قەرز بازىرىدا يامان دەۋرلىنىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلىپ، بۇ رايوندىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، شىركەت كارخانىلار ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان قەرز خېيىم-خەتىرىنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەردى.

  ئۆتكەن 10 يىلدا، چوڭ تاۋارلار تۈرتكىسىدىكى تېز ئېشىش ئىستېمال ۋە مەبلەغ سېلىش بازىرىنى گۈللەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرنى يوشۇرۇپ قالدى. بەزى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە كىرىمى بىلەن ئاممىۋى قەرزدىن توپلىغان مەبلىغىنىڭ كۆپىنچىسى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە تولۇقلىما پىلانىغا سەرپ قىلىندى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان مائارىپ، مۇقىم مۈلۈك، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىقلارغا سېلىنغان مەبلەغ نىسبەتەن ئاز بولۇپ، ئىچكى ئىقتىسادىي ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاجىز، خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى نىسبەتەن يېتەرسىز بولۇپ قالدى.

  ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ قىيىنچىلىقى خېلى ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. دۇنيا بانكىسىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى باش ئىقتىسادشۇناسى ئوگۇستۇ دى لا توررى مۇنداق دەپ قارىدى: كەلگۈسىدە چوڭ تاۋارلارنىڭ تۆۋەن باھادا داۋالغۇشى، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلەر ئىقتىسادى ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى ھەمدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىق زاپاس ساقلاش كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ نورماللىشىشى لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادى دۇچكېلىدىغان تاشقى مۇھىت دائىملىق ھالىتىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشى ۋە ئېكىسپورتنىڭ ئازىيىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زەربىنى ئازايتىش ئۈچۈن سودا بوشلۇقىنى كېڭەيتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاممىۋى چىقىمنى ئازايتىپ، قەرز سۈپىتىنى ئۆستۈرىشى كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر