باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتغا مەدەت بېرىدۇ ۋە 2016-يىلىنىڭ ياردەم مەبلىغىدىن 9 مىليارد 804 مىليون يۈەننى ئالدىن چۈشۈرۈپ بېرىدۇ

2015.10.09 13:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مەركەز مالىيەسى 2015-يىلى 11 مىليارد 124 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى چىقىرىپ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىغا مەدەت بېرىدىكەن.مەركەز مالىيەسىنىڭ كونكرېت ياردەم بېرىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:ھەر بىر ناھىيەگە 3 مىليون يۈەن ياردەم بېرىش ئۆلچىمى بويىچە 5 مىليارد 931 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى بېرىپ، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىش؛

  نۇقتىدا سىناق قىلىىندىغان ھەر بىر شەھەرگە بىر قېتىمدا 20 مىليون يۈەن ياردەم بېرىش ئۆلچىمى بويىچە 1 مىليارد 320 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى بېرىپ، 3-تۈركۈمدىكى 66 شەھەرنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەرنى 100گە يەتكۈزۈش؛

  نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان 100 شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردىكى ھەر بىر رايونغا 1 مىليون يۈەن ئۆلچەم بويىچە 273 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى بېرىپ، 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دوختۇرخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش؛

  كىشى بېشىغا يىلدا 30 مىڭ يۈەن ئۆلچەم بويىچە كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشكە 3 مىليارد 600 مىليون يۈەن بېرىپ، 120مىڭ كۇرسانتنىڭ كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشكە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىش.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يەرلىكنىڭ 2016-يىللىق ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئائىت خىزمەتلەرنى ئالدىن ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى يېقىندا 2016-يىلىنىڭ ياردەم مەبلىغىدىن 9 مىليارد 804 مىليون يۈەننى ئالدىن چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر