باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە تەشكىللەيلى، سەپەرۋەر قىلايلى ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرايلى

2015.10.10 17:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يىغىنى 9 - ئۆكتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر پىكىر»ىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر تەھلىل قىلىندى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى مۇرەككەپ ھەم ئالاھىدە بولغاچقا، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى بارلىق كادىرلار چوقۇم مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ، تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، خانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ما شۆجۈنلار قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاچقان بۇ قېتىمقى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىز تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭچە ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يولىنى شەكىللەندۈردى. ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىجادچانلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىگە بەس - بەستە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا «پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر پىكىر»نى تارقاتتى، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە مەخسۇس مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يىغىنىنى ئاچتى. بۇمۇ پارتىيەمىز تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق يىغىن بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى، يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدىكى بىر قاتار چوڭ - چوڭ نەزەرىيەلىرى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەسىلىسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى. باش شۇجىنىڭ سۆزى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى مۇرەككەپ ھەم ئالاھىدە بولۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭنىڭ ئەڭ زور ئاممىۋى خىزمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى بولۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا تەربىيە بېرىپ ۋە ئاممىنى يېتەكلەش، ئاممىنى بىزگە ئەگەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ئىگىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رولى بار؛ شىنجاڭ كۆپ مىللەت، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولغان، كۆپ مەنبەلىك رايون، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش تېخىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە؛ شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەت، ھەر قايسى ساھەلەردە تەسىر كۈچى زور بىر قىسىم زاتلار بار، ئىجتىمائىي كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئاكتىپ كۈچنى جارى قىلدۇرۇشتا ئۇلارنىڭ ئالاھىدە رولى بار، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ناھايىتى مۇھىم؛ مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقىلىق جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ئەۋلادلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساقلانغان مەسىلىلەرنىمۇ كۆرۈش كېرەك. بۇ مەسىلىلەر يۈكسەك دىققىتىمىزنى قوزغىشى، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ كېڭەيتىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئۆزىدە يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتى بىلەن، ئىدىيەۋى تەربىيە، مەسىلىنى تۈزەش، تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە تەشكىللىشىمىز، سەپەرۋەر قىلىشىمىز، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرەققىيات يولىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىۋىلىكى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىۋىلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ جېنى؛ ئىلغارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىشىنىڭ ئىچكى تەلىپى ھەم ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنىڭ كۈچ مەنبەسى؛ ئاممىۋىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈپ، ئامما ئارىسىغا داۋاملىق چوڭقۇر چۆكۈپ، مېھرىنى كۈچەيتىپ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زىچ چۆرىدەپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بەش چوڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، گەۋدىلىك ھالدا بەش جەھەتتىكى يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى م−ىللەتلەرنىڭ بېرىش - كېلىشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش؛ ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللاش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا قاتنىشىشتىكى يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش؛ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئەلرايىنى ئۇتۇشنى نىشان قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىلغارلاردىن بولۇش، ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش؛ مەۋقەنى سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە داۋامىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا قارىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىش، ئاممىغا يېقىنلىشىش، ئۈنۈمنى 1 - ئورۇنغا قويۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كادىرلارنى باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىشتە يېشى، سالاھىيىتى، ئوقۇش تارىخى بىلەن ھېسابلاشماسلىق، بىرلا قېلىپ بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق كېرەك؛ تەشكىللەش، ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلات ۋە خىزمەتنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەنگە، ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورگان - ئاپپارات تەسىس قىلىش، باشقۇرۇش ئەندىزىسى، ھەرىكەت مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ئوتتۇرا قاتلامنى ئازايتىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ۋە ئاممىۋى خىزمەت ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىش كېرەك؛ توردا، تور سىرتىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنىڭ ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئورگانىك بىرلەشكەن يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇنى پائال سالماق ئىلگىرى سۈرۈش، ئاكتىپ مۇھاكىمە قىلىش، ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك. ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتنى تولۇق، چوڭقۇر تونۇشى، يۈكسەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى، ھەر جەھەتتىن تولۇق تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھ−ىم سىياسىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار بۇ خىزمەتنى جەزمەن غايەت زور زېھنىي كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ھەم ئىشتا نەتىجە يارىتىپ، ھەم ئىشنىڭ ئېپىنى تېپىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە ئادەم «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى بارلىق كادىرلار ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، قەيسەر ۋە ياراملىق بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا تېخىمۇ يېڭى، زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

  ئەركىن تۇنىياز خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق دېدى: شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزىدە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى تۇتقا قىلىنغان بولۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىپىي ئاساسى، ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش يۈكسەكلىكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭدا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يۆنىلىشى، نىشانى ۋە ئاساسىي تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى، بىزنىڭ مەركەزنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە پىرىنسىپ ۋە ئاساس ھازىرلاپ بەردى. بىز تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك سىياسىي جاۋابكارلىق ۋە تارىخىي جاۋابكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر