- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى پەسەيدى
2015.10.12 09:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوناشىنكوف تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇدا زەربە بېرىش ئارقىلىق سۇرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرىنىڭ ھازىر جەڭگىۋارلىقى تۆۋەنلەپ، ئىرادىسى بوشىشىپ، ئۇرۇش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۇتۇش قىلماقتا.
كوناشىنكوف مۇنداق دېدى: قوراللىق ئۇنسۇرلاردا ھازىر قورال-ياراق، ئوق-دورا ۋە يېقىلغۇ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولماقتا، قىسمەن قوراللىقلار جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتتى ھەمدە ئۇرۇش رايونىدىن چېكىندى.
كوناشىنكوف رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى ھاۋادىن زەربە بېرىش ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر كۈندە رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ 55 نىشانىغا 64 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، ئىككى قوماندانلىق ئورنى، بىر ئوق-دورا ئامبىرى، 29 لاگېر ھەمدە 23 قوراللىق مۇداپىئەلىنىش نۇقتىسىنى يوقاتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر