باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە «ئاۋال كېسەل كۆرسۈتۈپ، ئاندىن پۇل تۆلەش» ئەندىزىسى يولغا قويۇلىدۇ

2015.10.12 13:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئۆكتەبىر. سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن ما مىڭ ئېقىندالا شىپاخانىسىدا دوختۇرخانىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى بىجىرگەندە 172.03 يۈەن پۇل تاپشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى، دوختۇرخانا «ئاۋۋال كېسەل كۆرسىتىپ ئاندىن پۇل تۆلەش»نى يولغا قويغاندىن كېيىن، مەن كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇش، دورا پۇلى غەملەش غىمىدىن قۇتۇلدۇم.

  ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە ھازىر 620 مىڭ نوپۇس بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان ـ چارۋىچىلاردىن 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار ئىكەن. مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى ئالتە يېزا ـ بازار شىپاخانىسىدا «ئاۋۋال كېسەل كۆرسىتىپ، ئاندىن پۇل تۆلەش» داۋالاش ئەندىزىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، دېھقان ـ چارۋىچىلار ئاۋۋال كېسەل كۆرسىتىپ كېيىن پۇل تاپشۇرسا بولىدىكەن.

  «ئاۋۋال كېسەل كۆرسىتىپ كېيىن پۇل تۆلەش» ئېلىمىزنىڭ دۆلەت سەھىيە كومىتېتى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا يولغا قويغان بىر تۈرلۈك داۋالاش سۇغۇرتا تۈزۈمى بولۇپ، بىمارلار دوختۇرخانىدا داۋالانغاندا زاكالەت پۇلى تاپشۇرماي، «دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھېسابات كېلىشىمنامىسى»گە ئىمزا قويسىلا بىۋاستە دوختۇرخانىدا تۇرسا بولىدىكەن، كېسەل كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن بىراقلا ھېسابات بوغىدىكەن. 2013-يىلى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە ئالدى بىلەن ئۈچ يېزا بازار مەركىزىدىكى بىر قانچە شىپاخانىدا سىناق نۇقتىدا يولغا قويۇلغاندىن بولۇپ، ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتناشقان ئامما ھازىر يېزا ـ بازارلىق شىپاخانىلاردا دوختۇرخانىدا تۇرۇپ ھەقسىز داۋالانسا بولىدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر