باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابباس: ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشى زۆرۈر

2015.10.12 09:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئابباس تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي بىلەن تېلېفۇنلاشقاندا: ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلارنىڭ ئارمىيەنىڭ قوغدىشى ئاستىدا پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشى شەرت دېدى.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئابباس بىلەن كىررىي يېقىندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى مۇزاكىرە قىلدى. ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، رايون تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كىررىي پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنى تىرىشىشقا ئۈندىدى.

  شەرقىي ئېرۇسالىمدىكى بىر دوختۇرخانا مەسئۇلىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۈنۈگۈن دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى ۋە رىنتىگىن ئۆيىگە كىرىپ، يارىدارلار ئارىسىدىن گۇماندارلارنى ئىزدىگەن.

  پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى داۋاملاشماقتا. پەلەستىن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، 1-ئۆكتەبىردىن بۇيان 650 پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرتىپىدىن قولغا ئېلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر