- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مىنىستىرلارنىڭ مۇقەددەس بەيتۇلغا بېرىشىنى مەنئىي قىلدى
2015.10.09 16:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ تۈنۈگۈن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىسرائىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كابېنت مىنىستىرلىرىنىڭ ماجرا بولىۋاتقان ئىرۇسالىمدىكى مۇقەددەس بەيتۇلغا بېرىشىنى مەنئىي قىلدى.
زۇڭلى ئىشخانىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ تەدبىر يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيانقى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ مۇقەددەس بەيتۇلدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توقۇنۇشى ۋە جىددىي ۋەزىيەتنى پەيسەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىرۇسالىمدىكى مۇقەددەس بەيتۇل يەھۇدى دىنىدىكىلەرنىڭ 1-چوڭ مۇقەددەس جايى ،ئىسلام دىنىنىڭ 3- چوڭ مۇقەددەس جايى، ئۇزۇندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن توقۇشىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر