باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دراما «چوڭ بازار» پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە قويۇلىدۇ

2015.10.10 13:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «چوڭ بازار» درامىسىنى سەييارە باشلاش مۇراسىمى 9-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئۆكتەبىر مۇخبىرنىڭ «چوڭ بازار» درامىسىنى سەييارە قويۇشنى باشلاش مۇراسىمى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دراما «چوڭ بازار»10-ئاينىڭ ئاخىرىدا گەنسۇ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، جياڭشى، جياڭسۇ، شاڭخەي قاتارلىق ئۆلكە-شەھەرلەردە بىر يېرىم ئاي سەييارە ئوينىلىدۇ.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ درامىسى«چوڭ بازار»دا شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى 30 يىللىق مۇساپىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بىر بازارنىڭ ئۆزگىرىشىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىر بازاردا تەڭ ياشايدىغانلىقى ھېكايە قىلىنغان، ئۇلارنىڭ پىكىر-ھېسسىياتى ۋە كۆز قاراشلىرىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر نامايان قىلىنغان، شۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىتتىپاقلىشىپ بىرگە كۈرەش قىلىش، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇشتەك روھىي قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر