باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتايلى

−−باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2015.10.09 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى نازارەت، ئىدارە - ئورگانلاردىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە: باش شۇجىنىڭ سۆزى چىن، سەمىمىي بولۇپ، كىشىگە ئىلھام بەخش ئېتىدۇ. بۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ، دېيىشتى.

  ئىتتىپاقلاشقاندىلا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ، مۇقىم بولغاندىلا تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ، بۇ كۆپچىلىكنىڭ چوڭقۇر تەسىراتى ۋە ئورتاق ئارزۇسى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر سالامەت مەمەت مۇنداق دېدى: 60 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، بۇ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ، ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش سىستېمىسىدىكىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك مەبلەغنى قوغداش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتلەردە ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ ھەم خەلق تۇرمۇشى مەبلىغىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ ۋېي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بەش مۇنەۋۋەر ۋەكىلىنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقى شىنجاڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ بىزگە زور مەدەت بولدى. يەرلىك باج سىستېمىسىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر دۆلەت ئۈچۈن بايلىق توپلاش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئەمىنلىكىنى بايلىق بىلەن تەمىنلەشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇنىڭدىن كېيىن باج تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 1 - سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋارىس ئىمىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتلىرىمدە مەركەزنىڭ قارارلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭىم ۋە بۇرچ ئېڭىم بىلەن جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ئېڭىمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىمنى كۈچەيتىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ كادىرى رۇڭ شۆيىن مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى، شىنجاڭنىڭ 60 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. خىزمەتلەردە چوقۇم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ياخشى قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بەش مۇنەۋۋەر ۋەكىلى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۈلگىسى. ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى سىستېمىسىدىكى بارلىق كادىرلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر بۇ ۋەكىللەردىن ئۆگىنىمىز، ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بېرىش - كېلىش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساباي بايتولوۋ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى دۆلىتىمىزدىكى بارلىق ئاساسىي قاتلام ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ. ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى جان تومۇرىمدەك ئاسرايمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى شەھەر خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گو ۋېي مۇنداق دېدى: مىللەتلەر خىزمىتىنى ئىشلەش تېگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەملەرنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەشتۇر. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇھىمى، سىردىشىش، بىر - بىرىنى چۈشىنىش، كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق كۆڭۈلنى مايىل قىلىشتا. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغىلى بولىدۇ. بىز جەزمەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىمىز.

  جۇڭگو پوچتا ئىشلىرى تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پوچتالىيونى ئەكبەر ئىمىن مۇنداق دېدى: خانئايشەم، مېھرىگۈل ئاچا - سىڭىلنىڭ خېتى ھەم «بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى»دېگەن خەتلەر كەشتىلەنگەن رامكىلىق كەشتىسى شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەننى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سۆيۈش ھېسسىياتى، كۆپچىلىكنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. مەن ئاساسىي قاتلامدىكى پوچتالىيون بولۇش سۈپىتىم بىلەن باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئايال كادىرلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بېلىقىز ئىمىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭلىق ئاچا - سىڭىللارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، بەكمۇ ھاياجانلاندىم، بىز جەزمەن خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، ئاياللارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئالدىنقى سېپىدىكى رولىنى، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز!

  مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن سوۋغا قىلغان بۇيۇملار ئىچىدە، ئانار شەكىللىك «ئانار لوڭقىسى»كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتاتتى، بۇ «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى»غا سىمۋول قىلىنغانىدى. كۆپچىلىك بىردەك: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ئىلگىرىلىسەك، ئىناق تەرەققىي قىلساق، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ بارلىق كۈچلەرنى مۇجەسسەملىسەك، ئاندىن ھەر مىللەت خەلقى زىچ ئىتتىپاقلاشقان، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز گۈللىنىپ قۇدرەت تاپقان گۈزەل مەنزىلگە چوقۇم يېتەلەيمىز، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم روياپقا چىقىرالايمىز، دېيىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر