باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئاچتى

باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرايلى
كاتتا مەرىكىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، خىزمەت سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرەيلى

2015.10.09 16:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 8 - ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ شىنجاڭغا كەلگەن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزلىرى ۋە يوليۇرۇقلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە قەتئىي ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەرىكىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى مۇھىم تەجرىبىلەرنى ياخشى يەكۈنلەپ، كاتتا مەرىكىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بۇ مەرىكىدە نامايان بولغان ئېسىل ئىستىلنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  يىغىندا دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە دائىر ئەھۋاللار يەتكۈزۈلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ 13 مۇنەۋۋەر ۋەكىلىنى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئالايىتەن تەكلىپ قىلدى، بۇلارنىڭ بەشى شىنجاڭلىق ۋەكىللەر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنلىكى ھەم كۆرۈشكەندە مۇھىم سۆز قىلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، باش شۇجىنىڭ ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ۋە چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى چوڭقۇر مەنىلىك، ئەھمىيىتى زور سۆز بولۇپ، ئۇنىڭدا يېڭى دەۋردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى. كۆرۈشۈشتە باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە خانئايشەم ئەنۋەر بىلەن مېھرىگۈل ئەنۋەر ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن ئەۋەتكەن خەتنى ئالايىتەن تىلغا ئېلىپ، ئۇلار كەشتىلىگەن « بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن رامكىلىق كەشتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق كاتتا مەرىكىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرى، ئامما بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئېلىپ، قاتتىق ھاياجانلاندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چىن قەلبىمىزدىن ھېس قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەر مىللەت خەلقىدىن كۈتكەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، بىرلىكتە گۈللەپ راۋاجلىنىشتەك سەمىمىي ئۈمىدىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز، شەكىلگىمۇ، مەزمۇنىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتنى پۇقرالارنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غەمخورلۇقنى قەدىرلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىدىن ئىبارەت بۇ نىشان، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىدىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتىنى توغرا نىشانلاپ، ھەر بىر ئىشنى ئىنچىكە، تەپسىلىي، ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ كاتتا مەرىكە مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزلىرى ۋە يوليۇرۇقلىرىنىڭ روھى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى، يوليۇرۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى زور نەتىجىلەرنى؛ شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى تۈپتىن تۈزەش تەدبىرلىرى، كادىرلار ئىستىلى ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىغا ھەقىقىي يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

   يىغىندا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى خۇلاسە قىلىندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆزلىگەن نىشانغا يەتتۇق. بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە «ئىتتىپاق بولۇش، كۈرەش قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئۆزگىچە بولۇش» ئاساسىي لىنىيەسى نامايان قىلىنىپ، «داغدۇغىلىق، قىزغىن، بىخەتەر، ئىناق، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش» نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. بۇ ئوبرازنى نامايان قىلىدىغان، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان، روھنى ئۇرغىتىدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، كادىرلار، ئاممىنى تەربىيەلەيدىغان، ئەلراينى مۇجەسسەملەيدىغان، ئاكتىپ كۈچنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر قېتىملىق كاتتا مەرىكە بولدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى؛ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر خەلقىدىن ھال سورىدى؛ مەركەز تاراتقۇلىرى تەبرىكلەش پائالىيىتى ۋە شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چىن كۆڭلىدىكى خۇشاللىقى چېھرىدە جىلۋىلەندى، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ «بەشنى تونۇش» چۈشەنچىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى زورايدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ۋە سەھنە ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 60 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سۇبيېكتىپلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، شىنجاڭ ئۈنۈمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، شىنجاڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شىنجاڭ ئوبرازىنى تىكلەش، شىنجاڭ ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپىتى نامايان قىلىندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشقانلىقىدىن ئايرىلمايدۇ، بۇ پۈتۈن شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر نىيەتتە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. جايلار، تارماقلار، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىر نىشاننى كۆزلەپ، بىر نىشان ئۈچۈن كۈچەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىدارى، شىنجاڭ ئۈنۈمى، شىنجاڭ ئوبرازى ۋە شىنجاڭ ئىستىلىنى نامايان قىلدى. تەبرىكلەش پائالىيىتى ئارقىلىق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلانماقتا. تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، بۇ ئېسىل خىزمەت ئىستىلىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، «ئىككىدە تىرىشىش» روھىنى، «ئۇستىلىق» روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىنغا شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى، ۋاڭ يۇڭمىڭ، چيەن جى، شى داگاڭ، مۇتەللىپ قاسىم، جارۇللا ھېسامىدىن، مائاۋ سېيتقامزا، تيەن ۋېن، ليۇ يەنلياڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، چېڭ جېنشەن، يەن فېنشىن، گو ليەنشەن قاتارلىقلار قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر