باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» ئىسپانىيەدە داغدۇغىلىق باشلاندى

2015.10.09 16:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2015 - يىللىق «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتى 7 - ئۆكتەبىر كەچتە (شۇ يەر ۋاقتى) ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتىكى جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىدە باشلاندى. مەدەنىيەت ھەپتىلىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى، يېڭى ئوبرازى كۆرسىتىلىدۇ. كۆرگەزمە ۋە تەشۋىقات فىلىمى ئارقىلىق، كۆپچىلىككە گۈزەل شىنجاڭ، رەڭدار شىنجاڭ، بەختلىك شىنجاڭنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇشتىكى مەدەنىيەت كۈچى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، چەت ئەللەردىكى ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان، كۆپ مەنبەلىك شىنجاڭ تونۇشتۇرۇلىدۇ.

  بۇ پائالىيەت ئېلىمىزنىڭ چەت ئەل بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ھەم بۇ يىل مادرىد شەھىرىدىكى جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقان ئادەم ئەڭ كۆپ پائالىيەت بولۇپ، 10 - ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ. مەدەنىيەت ھەپتىلىكىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى تەپەككۈرىنىڭ كونكرېت گەۋدىلىنىشى ھەم ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ جۇڭگونىڭ چەت ئەللەردىكى مەدەنىيەت مەركىزىدە كېڭەيتىلىشى ۋە نامايان قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ھەپتىلىكىدە «جەلىبكار جۇڭگو، رەڭدار شىنجاڭ» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، پائالىيەت «شادلىققا چۆمگەن شىنجاڭ» −− ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش، «گۈزەل شىنجاڭ» −− فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى، «جەلىبكار شىنجاڭ» −− مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىنى كۆرسىتىش، «شىنجاڭ تەسىراتلىرى» −− ھۆججەتلىك فىلىمىنى قويۇش، «شىنجاڭدىكى ئىزدىنىش» −− مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى لېكسىيەسى قاتارلىق بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن.

  پائالىيەتنىڭ شۇ كۈنى كەچتىكى باشلىنىش مۇراسىمى ئىسپانىيەدىكى نەچچە يۈزلىگەن ھەر ساھە زاتلىرى، مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى قالتىس جەلب قىلدى. شىنجاڭلىق سەنئەتكارلار كۆپچىلىككە ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك ئۇسسۇلى −− «چىنە ئۇسسۇلى»، شىنجاڭنىڭ خەلق ناخشىسى −− «بىر پىيالە مەي» ھەم قوش كىشىلىك ئۇسسۇل −− « بايرام شادلىقى»نى ئورۇنداپ بەردى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئۇسسۇلغا چۈشكەندە، باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

  ئىسپانىيە خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ باش نازارەتچىسى كارلوس پېنېروس مۇنداق دېدى: ئىسپانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئارىلىقى 9235 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ قېتىمقى ئېسىل ئويۇنلارغا قاراپ، كېيىن جۇڭگو شىنجاڭغا چوقۇم بېرىشنى قارار قىلدىم. شىنجاڭ قالتىس جاي ئىكەن، بۇ قېتىمقى پائالىيەت بىزگە شىنجاڭنى چۈشىنىشكە پۇرسەت يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا بىز شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇق.جۇڭگونىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى ليۇ ۋېنچيۇ مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭغا بىر قېتىم بارغان، ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن شىنجاڭ مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكىنى، ئادەملىرىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى، ناھايىتى سۆيۈملۈك جاي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مېنىڭچە، بۇ پائالىيەت ئىسپانىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى چۈشىنىشىگە، مەدەنىيىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتتىن تارتىپ خەلققىچە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ رۈيجۈن مۇنداق دېدى: بىز سۈرەت، ناخشا - ئۇسسۇل، ھۆججەتلىك فىلىم قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىسپانىيەلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە گۈزەل ئوبرازىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىنى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنى تونۇتۇشنى، شىنجاڭنى چۈشىنىشىگە پۇرسەت يارىتىشنى مەقسەت قىلدۇق. بۇ يەنە ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن قىلىنغان سوۋغا.

  2012 - يىلى ئېچىلغان مادرىدتىكى جۇڭگو مەدەنىيىتى مەركىزى − ئىسپانىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدىغان كۆزنەك. 2013 - يىلى «جۇڭگو شىنجاڭ 12 مۇقامى» بىلەن ئىسپانىيەنىڭ «فېرامىنگو سەنئىتى» بۇ جايدا تەڭ ئوينالغان. ئىسپانىيەنىڭ خوئولېي گېرىككېر بالېت ئۆمىكى تەكلىپكە بىنائەن 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتناشتى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيەنى، شىنجاڭ بىلەن مادرىدنىڭ يوللىرىنى، سودىسىنى، قەلبىنى تۇتاشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر