باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كارخانىلارنى ئاددىي رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرگە كېڭەيدى

2015.10.08 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: دۆلىتىمىز نۇرغۇن جايدا كارخانىلارنى ئاددىي رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىۋېتىپتۇ، پەقەت ھەر قايسى جاينىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى ھۆجخەتنىڭ پىرىنسىپىغا ماس كەلسە، كارخانىلارنى ئاددىي رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى بىۋاسىتە قانات يايدۇرسا، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ قويسىلا بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كارخانا ئىجازىتى ئۆلچىمى تۆۋەنلىگەچكە، «دۇنياغا كېلىش ئىسپاتى»نى بېجىرىش ئاسانلاشقان، لېكىن، كارخانىلارنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش كارخانا، مەبلەغ سالغۇچىلار، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقدارلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، رويخەتتىن ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت «ئۆلگەنلىك ئىسپاتى»نى بېجىرىش يەنىلا مۇرەككەپ ئىكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شاڭخەي شەھىرىنىڭ پۇدۇڭ يېڭى رايونى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يەنچېڭ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە تىجارەت باشلىمىغان كارخانىلار، ھەققىي ۋە قەرزى بولمىغان كارخانىلارنى ئاددىي رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر