باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلمىسا، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ

2015.10.09 16:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىبلىتاغ تەۋەلىكىدىكى بەدبۇي پۇراقنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ھۆكۈمەتنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغاپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى تەلەپ قىلىندى. 28 – ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2015 – يىللىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارا ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى››دا، جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلمىسا، مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارا ئېلان قىلمىسا، ئالاقىدار ئورۇنلار قاتتىق تەنقىد قىلىنىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2015 – يىللىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارا ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى›› دا، شەھەر، رايونلار ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇچۇرلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى ئۈنۈم، نەتىجىنى باھالاش سىستېمىسىغا مۇۋاپىق باغلىشى، ۋەزىپىسى كونكرېت، مەسئۇلىيىتى ئايدىڭ، باھالىشى ئىلمىي بولغان باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لاردىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارا ئېلىپ بېرىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرمىغان، مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارا ئېلان قىلمىغانلارنى تەنقىد قىلىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى، ساختىلىق قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان، ئاممىنى ئالدىغان، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغان ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك؛ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە مەخپىي تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇپ، مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ خىزمەتلەرنى مۇھىم خىزمەتلەر كۈنتەرتىپىگە، ئۈنۈم، نەتىجىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، مۇكاپاتلاش، جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى.

  بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان مەسىلىلەرگە قارىتا، تور ئەھلىگە ئىنكاس قايتۇرىدىغان مەخسۇس خادىملارنى تەيىنلەپ، تېز سۈرئەتتە مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرۇشقا، قايتۇرۇلغان جاۋابنىڭ قانۇنلۇق، توغرا، تېز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى ھۆكۈمەت ئىشىدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئەھۋالى، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئاممىۋى بايلىقنىڭ تەقسىملىنىشى، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى جەمئىيەتكە ئومۇميۈزلۈك ئاشكارا ئېلان قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر