باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نۇربول لۇقتارقان: كۈرەش قىلغاندىلا، ياشلىقىمىز ئەڭ مەنىلىك ئۆتىدۇ

2015.10.09 16:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى نۇربول لۇقتارقان بۇ يىل 9 - ئايدا دەرس مۇنبىرىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ، زىيارەتچى ئالىم سۈپىتىدە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، بىر يىللىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىنى باشلىدى.

  «ياشلىق دېمەك - كۈرەش قىلىش دېمەكتۈر» دېگەن بۇ ئوي 33 ياشلىق نۇربول لۇقتارقاننىڭ ھاياتىدا جانلىق ۋە كونكرېت نامايان قىلىندى. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ۋە ئاكادېمىكنىڭ پەن تەتقىقات ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلىم - پەن ئۈستىدە ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىۋاتقان ئىقتىدارلىق ياش مۇتەخەسسىس؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «تور ۋە كۆپ تىللىق مەزمۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكى» تېمىسىدىكى مەكتەپ دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنىڭ باشلامچىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ تىللىق ئۇچۇر تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى بۇلۇتسىمان ھېسابلاش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان يېڭى دەۋردىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى.

  كىچىك ۋاقتىدىلا ئالىم بولۇشنى ئارزۇ قىلىش

  نۇربول كىچىك ۋاقتىدا باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن چوڭ بولغاندا نېمە قىلىسەن؟ دېگەن سوئالىغا ھەمىشە «چوڭ بولغاندا ئالىم بولىمەن»، دەپ جاۋاب بېرىپ، چوڭلارنى خۇش قىلاتتى. ئۇزاق مەزگىل مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئاتىسى نۇربولنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئارزۇسىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنىدى. نوربۇل: ئاتامنىڭ قەتئىي ئىشەنچى ۋە رىغبىتى مېنىڭ پەن تەتقىقات يولىدا مېڭىشىمغا تۈرتكە بولدى، دېدى.

  نۇربول 2000 - يىلى كومپيۇتېر كەسپىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن شەرقىي شىمالدىكى جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا باردى. ئۇ تولۇق كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خۇ لياڭنى ئۇستاز تۇتۇپ، كومپيۇتېر تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى تەتقىقات خىزمىتىنى باشلىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆگىنىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، ئۇ: روھىي ھالىتىم ناچار بولغاچقا ، ئوقۇتقۇچىلىرىم ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسىنى مۇستەقىل تاماملىيالىشىمدىن ئەنسىرىگەنىدى، دېدى. نۇربول پىروفېسسور خۇ لياڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تېمىنى تېپىپ، توپتوغرا بىر يىل تەجرىبىخانىدىن چىقماي ئىشلەپ، ئاخىرى «ئىشنىڭ يولىنى تاپتى».

  تەقدىر ئىلاھى ھەمىشە تەييارلىقى بار كىشىلەرنى يوقلايدۇ. نۇربول بىر يازلىق تەتىلدە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياڭ جېننىڭ ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ياڭ جېننىڭ ئۇنى لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە، بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشقا، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ساھەدىكى تەتقىقاتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  نۇربول شۇ قېتىمقى يازلىق تەتىلدىن كېيىن ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتقا ئىجتىھات بىلەن بېرىلدى. ئۇ پىروفېسسور خۇ لياڭغا ئەگىشىپ تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدە بېرىلىپ ئىزدەندى، نۇرغۇن پەن تەتقىقات تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە كونكرېت يولغا قويۇش ئىشلىرىغا قاتناشتى، كوللېكتىپ ھەمكارلىق جەريانىدا بەش قېتىم ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئون پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە، ئالتە پارچە مەخسۇس ئەسەر ۋە پاتېنت تۈرىنى ئېلان قىلدى.

  نۇربول جاپاغا چىداپ تىرىشىپ، دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. ئۇ تەتقىقات تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتىن مېتودولوگىيەنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتى ھەم بۇ جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەجرىبە كوللېكتىپىنىڭ تۇنجى SCI ئىزدەپ تېپىشقا ئائىت ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئاسپىرانتلار 1 - دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە «خۇاۋېي»ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ئىنستىتۇنىڭ سەككىز يىلدىن بۇيانقى مۇددەتتىن بۇرۇن دېسسىرتاتسىيە ياقلىغان تۇنجى دوكتورغا ئايلاندى.

  نۇربول : ئانا مەكتىپىم جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەنلىكىگە چەكسىز رەھمەت ئېيتىمەن، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىستىلى ۋە ئوقۇش مۇھىتى ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە پۇختا ئاساس سالغان، دېدى.

  نۇربولنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگىنىگە بەش يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇ ھەر قېتىملىق قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدە جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالە يېزىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، ئۆزىگە ئوخشاش ئىلىم تەھسىل قىلىش كەچۈرمىشىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەردى.

  پەن - تېخنىكا ئارقىلىق جەمئىيەتتىكىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش

  «پەن - تېخنىكا ئارقىلىق جەمئىيەتتىكىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش» نۇربولنىڭ ئېسىدە چىڭ ساقلايدىغان سۆزى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيانقى تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى.

  نۇربول دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقاندا جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا قېلىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسا بولاتتى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش يېقىنلاشقاندا ئاتىسى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۇنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يولىنى ئۆزگەرتتى.

  شىنجاڭنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭكىگە قارىغاندا نىسبەتەن ئارقىدا بولغاچقا، نۇربولنىڭ ئاتىسى تېلېفوندا ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، «ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىپ، ئەتراپىدىكىلەرنى يېتەكلىشى»نى ئۈمىد قىلغانىدى. ئاتىسىنىڭ گېپى بىلەن نۇربول كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان دوكتورلار ئىچكىرىدە يۇقىرى مائاشلىق ئىش ئورۇنلىرىغا ئاسان ئېرىشەلەيدۇ، لېكىن كىشىلىك ھايات ئىنتىلىشىدە ئۆز ئېھتىياجىمنى قاندۇرۇشنىلا مەقسەت قىلماسلىقىم، تېخىمۇ مۇھىمى، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشىم كېرەك. مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تۇيغۇسى بىلەن خىزمەت قىلىپ، ئۆز تەقدىرىمنى يۇرتۇم، ۋەتىنىمنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىغاندىلا ، كىشىلىك ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك كۈرەش نىشانىمغا يېتەلەيمەن، دەپ ئويلىدى.

  نۇربول شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەن تۇنجى يىلىلا دۆلەت دەرىجىلىك تۈرگە ئېرىشىپ، دەرىجە ئاتلاپ دوتسېنت ئۇنۋانى ئالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلامنىڭ تەتقىقات ياردەمچىسى بولدى، مەكتەپنىڭ قوللىشى بىلەن مەكتەپ دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى قۇردى.

  نۇربول بۇ يىل 5 - ئايدا شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك «4 - ماي» ياشلار مېدالىغا ئېرىشتى، ئۇ: بۇ مېنىڭ ئىلگىرىكى تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى.

  نۇربول ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كۆپ خىل تۈرگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ ۋە قاتنىشىۋاتىدۇ.

  قەتئىي چىڭ تۇرغاندىلا، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ

  نۇربول پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت بىلەنمۇ شۇغۇللاندى، مەسىلەن: مەكتەپ ئىچىگە يۈزلەندۈرۈلگەن، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان بۇلۇتسىمان ھېسابلاش مۇلازىمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى... نۇربول بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ياش غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى زىيارەتچى ئالىم تۈرى» نىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇ زىيارەتچى ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ بىر يىل ئوقۇيدۇ. ئۇ ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلامنىڭ تەتقىقات ۋەزىپىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار تېما تەتقىقات خىزمىتىگە قاتناشتى. ئون يىللىق تەتقىقات ۋە تەجرىبە ئۇنىڭغا كوللېكتىپ ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۈردى.

  نۇربول مۇنداق دېدى: چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆگىنىش مېنىڭ تور بىخەتەرلىكى ساھەسىنىڭ ئىلغار نەزەرىيەلىرىنى ئۆگىنىشىم، چۈشىنىشىم ۋە ئەمەلىي تەتقىقاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشۇم، تەتقىقات سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈشۈمگە پايدىلىق؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەتقىقات كوللېكتىپىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئىلغار تەتقىقات نەزەرىيەسى ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئىگىلەپ، كەلگۈسىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلارغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشىم ئۈچۈن پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر