http://uyghur.people.com.cn/ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى: بىر ھەپتىلىك مۇھىم خەۋەرلەر (4.11)
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاپرېل جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ساقچى ئىنىستىتۇتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە «ئوۋ بۈركىتى زەربىدارلار ئەترىتى»گە بايراق تەقدىم قىلىپ، قوراللىق قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قوراللىق قىسىم دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرخىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىي ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتكە قىلىشى كېرەك

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2014-يىللىق يىغىنى 10-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋدا ئېچىلدى، باش مىنىستىر لى كېچياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «ئاسىيانىڭ تەرەققىيات يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى»دېگەن تېمىدا باش مەقسەتلىك سۆز قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئاسىيا تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر كونا مەسىلىلەرگە، شۇنداقلا نۇرغۇن يېڭى ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقماقتا. ئاسىيانىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تۈپ يىلتىزىدىن ئېيتقاندا تەرەققىياتقا تايىنىدۇ. تەرەققىيات دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ، تەرەققىيات كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. تەرەققىيات يەنىلا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ 1-مۇھىم ۋەزىپىسى.
بۇ يەردە مەن مۇنداق بىر قانچە نۇقتىلىق كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ، كۆپچىلىك بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى خالايمەن.   1-، ئورتاق تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيانىڭ مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش.  2-، سىڭىشىپ تەرەققىي قىلىش چوڭ قېلىپىنى ھاسىل قىلىپ، ئاسىيانىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈش.  3-، تىنچ تەرەققىيات چوڭ مۇھىتىنى قوغداپ، ئاسىياغا مەسئۇل بولىدىغان ئورتاق گەۋدىنى بەرپا قىلىش.

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 10-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن خەينەن بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى. چۈشتىن كېيىن لى كېچياڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2014-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كورىيە،پاكىستان باش مىنىستىرلىرى ۋە تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپى ئورتاق بازىرى فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.
7-ئاپرېل دېڭىز ئارمىيەمىزنىڭ جىڭگاڭشەن ناملىق ھەربىي پاراخوتى ئىزدەشكە ھۇجۇمچى پاراخوت ئەۋەتتى. ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇقتۇرۇشى ۋە بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 7-چېسلا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جىڭگاڭشەن، كۇئىنلۇن، «دېڭىز چارلاش-01»، «شەرقىي دېڭىز قۇتقۇزۇش-101» ناملىق پاراخوتلىرى جەنۇبىي ھىندى ئوكياندا مالايشىيانىڭ ئالاقىسىز قالغان ئايروپىلانىنى داۋاملىق ئىزدىدى.
ئىككى يىل داۋام قىلغان تۈزۈش خىزمىتى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى ۋە شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك دوستلارنىڭ قەدىمكى غەربىي يۇرتنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ۋە بۈگۈنكى شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەر مەجمۇئەسى ـــ ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى›› رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 10-ئاپرېل، تۇنجى تۈركۈمدىكى 26 كىتابنى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم تارقىتىش، تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ 26 كىتابنىڭ ئىچىدە ‹‹قۇتادغۇبىلىك››، ‹‹ئون ئىككى مۇقام››، ‹‹جاڭغىر››، ‹‹ماناس›› قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭى نادىر قىممەتلىك ئەسەرلىرى بار


  شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 9-ئاپرېل، ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى، خود قورغىنى ھەربىي بازىسىدا چوڭ كۆلەملىك خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، بىر ھەپتە بۇرۇنقى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئۈچ ئەسكەرگە ماتەم تۇتۇلدى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىلەن بىرىنچى خانىم مىچىل شۇ كۈندىكى مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم ئۇندىن باشقا يارىلانغان 16 يارىدارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.
ئافغانىستان چوڭ سايلىمى شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاپرېل ئەتىگەن سائەت 7 دە (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە) رەسمىي باشلاندى


نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ

eamil: uyghur@people.cn 010- 6536 8367/ 65
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved
بەت لايىھەلىگۈچى، مەسئۇل مۇھەررىر: ئالىم راخمان
چوققىغا قايتىش