باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>يېڭى يىپەك يولى>>ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلدى

2014.04.11 09:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى شارجا خەلىپىلىكى مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى 9-ئاپرېل، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى تەسۋىرىنى بەرپا قىلىشنى ئىنتايىن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ھەمدە يېزا ئىگىلىك، ئاساسىي مۇئەسسئەسسە قۇرۇلۇشى، يېڭى ئېنېرگىيە، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن مەبلەغ سېلىش ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شارجا خەلىپىلىكى مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى شۇ كۈنى 4-نۆۋەتلىك دۈبەي خەلقئارا مەبلەغ سېلىش يىللىق يىغىنى مەزگىلىدە جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرى ئىدارىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئالماشتۇرۇش ئىلىپ باردى، ئىككى تەرەپ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۇرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە تۇر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر