باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۆمۈر يول مۇساپىسى 7000 كىلومېتىرغا يەتتى

2014.04.11 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 9-ئاپرېل جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە،دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بۇ شىركەت ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات، تۆمۈر يول تىرانسىپورت ئېھتىياجى، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى مەبلەغ كاپالىتى ئىقتىدارى قاتارلىق شەرتلەرنى ئويلىنىش ئاساسىدا، يېڭىدىن ئىش باشلاش تۈرلىرى، تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ سېلىش مۇساپىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بۇ يىللىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى نىشانىنى كۆپەيتكەن؛ ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونى قۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەن.

  1. يېڭىدىن ئىش باشلاش تۈرى 44 تىن 48 گە كۆپەيتىلگەن.

  2. مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 700 مىليارد يۈەندىن 720 مىليارد يۈەنگە كۆپەيتىلگەن.

  3. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى لىنىيەلەر مۇساپىسى 6600 كىلومېتىردىن 7000 كىلومېتىرغا كۆپەيتىلگەن.

  4. ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلغان 33 تۈر ئىچىدە 10 تۈرنىڭ يىل ئىچىدە تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەستىقلاش تەتقىق قىلىنغان. ئۇندىن باشقا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى بولۇپمۇ مەركىزىي قىسىمنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تىزلىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تۆمۈر يول باش شىركىتى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوتتۇرا غەربىي رايونغا يۆتكەيدىكەن. 2014-يىلى ئوتتۇرا غەربىي رايونىنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ۋە يېڭى لىنىيەلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش نىسبىتىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئايرىم ئايرىم %78، %86 گە يەتكۈزىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر