باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2014.04.11 08:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى جاڭ گاۋلى 9- ئاپرېل بېيجىڭدا رۇسىيىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، رۇسىيە تەرەپ رەئىسى دۋوركىۋىچ بىلەن جۇڭگو رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئىككى تەرەپ رەئىسلىرى ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدا بىر تۈركۈم مۇھىم يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى ئۈنۈملىك ۋە ئەمەلى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. بىز ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە، ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە تۈرىدىكى ھەمكارلىقىقا تۇرتكە بولۇش كۈچىنى يەنىمۇ زورايتىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو رۇسىيە بىلەن نېفىت، تەبىئىي گاز، يادرو ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر، ئېلېكتر كۈچى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشىنى خالايدۇ. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر بىرنىڭ كېمىنى تولۇقلاپ، پىلان بويىچە شەرق ، غەربىدىن ئىبارەت ئىككى لىنىيەدىكى نېفىت تۈرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، نېفىت يۇقىرى تەرەققىيات ھەمكارلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تيەنجىندە ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سېلىپ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرۇشقا پائال تۇرتكە بولۇپ، شەرقىي لىنىيەدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا تۈرى سۆھبىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇيۇق گاز ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىپ، يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كۆمۈر ۋە ئېلېكتر كۈچى ھەمكارلىقىنى ئۆزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۇرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

  دۋوركىۋىچ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇچرىشىشىدىن كىيىن، جاڭ گاۋلى بىلەن دۋوركىۋىچ جۇڭگو رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئىككى تەرەپ رەئىسلىرىنىڭ مۇھىم خاتىرىسىنى ئىمزالىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر