باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ تيەنجىن خېبېي ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەنبەسى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى

2014.04.14 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر قېتىم ھاۋا ئېغىر بۇلغانغاندا بېيجىڭ،تيەنجىن،خېبېي رايونى رايون خاراكتېرلىق بۇلغىنىدۇ. كەسىپ قۇرۇلما پەرقى بولغانلىقتىن بۇ ئۈچ جاي ئاتموسفېراسىنىڭ بۇلغىنىش مەنبەسى ئوخشاش ئەمەس. يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى،دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بېيجىڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە:بېيجىڭ، تيەنجىن شەھەرلىرى،خېبېي ئۆلكىسى ئىچىدە بېيجىڭدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى چىقارغان گاز ئاتموسفېراغا روشەن تەسىر كۆرسەتكەن. تيەنجىن، خېبېي ئاتموسفېراسىدىكى ئاساسلىق بۇلغىنىش سانائەتتىن پەيدا بولغان. ئۇندىن باشقا بېيجىڭ،تيەنجىن، خېبېيدىكى ئاساسلىق 13 شەھەرنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر ئايدا بۇلغانغان كۈن سانى چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، جۇجياڭ دەرياسى دېلتىسى رايونىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

  ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، PM2.5 ماددىسى بېيجىڭ ، تيەنجىن، خېبېي رايونىنىڭ ئاتموسفېراسىنى بۇلغايدىغان ئاساسلىق بۇلغىما ئىكەن. بۇ ئاساسلىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قويۇپ بەرگەن گاز،يېقىلغۇ كۆمۈر، سانائەت بۇلغىنىش قاتارلىقلاردىن پەيدا بولىدىكەن. زىيانلىق ماددىلارنىڭ ھاۋادا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن،كېتىدىغان جايى يىراق، زەھەرلىك نەرسىلەرنى ئاسان ئېلىپ يۈرۈيدىغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

  ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە،2012-يىلى بېيجىڭ،تيەنجىن،خېبېيدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى 682 مىڭ توننا ئازوت ئوكسىدىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئۈچ رايوندا قويۇپ بېرىلگەن ئازوت ئوكسىدى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %30 نى ئىگىلىگەن. بۇ ئۈچ رايون ئىچىدە بېيجىڭدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قويۇپ بەرگەن ئازوت ئوكسىدى بۇ رايوندىكى ئازوت ئوكسىدى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %45 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، تيەنجىندىن %30، خېبېيدىن %10 كۆپ ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر