باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ خەيكوۋدا خىزمەت تەكشۈردى

2014.04.14 08:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنستىر لى كېچياڭ 11-مارت خەيكوۋ پرىستانىغا بېرىپ ماللارنى كىرگۈزۈش-چىقىرىش ۋە تەرەققىيات پىلانى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەينەن ئۆلكىسىنىڭ تۆت ئەتراپى دېڭىز بىلەن ئورالغان، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئېچىۋېتىلىشىنى دۆلەت قاتلىمىدىن ئەتراپلىق ئويلىشىپ، دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم تايانچ نۇقتىسىغا تىرىشىپ ئايلاندۇرۇش، بۆسۈشكە ۋە سىناق قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى قوزغىتىش كېرەك.

  ئارقىدىن لى كېچياڭ خەيكوۋ شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن كېيىن، شۇ يەردىكى رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانىلارنىڭ تېزدىن كۆپەيگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات دېگەن نېمە؟ ئىسلاھات دېگەنلىك ئەڭ زور چەكتە پۇقرالارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش. ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش-پۇقرالارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، تۇرمۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بۇ «بىرنى كۆپەيتىپ، بىرنى تۆۋەنلىتىش» ئەسلىدە ھۆكۈمەتنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى.

  خەيكوۋ شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنى تەكشۈرۈش ئاياقلاشقاندىن كېيىن لى كېچياڭ ئەسىلدىكى پىلانىنى ئۆزگەرتىپ يول بويىدىكى بىر مىلىچمال دۇكىنىغا كېرىپ، پىرىكازچىكتىن كىرىم ئەھۋالىنى سورىدى. مال جازىسىدا خەينەننىڭ نۇرغۇن ئالاھىدە مەھسۇلاتى بارلىقىنى كۆرۈپ، مەھسۇلات ئورىقىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ماختىدى. لى كېچياڭ مېڭىش ئالدىدا پىركازچىكقا، سودىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويدۇم، كەلگەندىن كېيىن، خىراجەت قىلاي دەپ، 19يۈەنگە ئىككى خىل خەينەن ئالاھىدە مەھسۇلاتى سېتىۋالدى.

  لى كېچياڭ يەنە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ مانگروۋا ئورمىنىنى قوغداش رايونىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ يەردىكى مانگروۋا ئورمىنىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ھازىر قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى زورايتىقانلىقى ھەمدە نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسراش ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، بۇ يەردە ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشى ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  شۈ كۈنى لى كېچياڭ يەنە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ دۇڭجەي پورتى مانگروۋا ئورمىنى نەملىك قوغداش رايونىغا بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك قوغداشنى تەكشۈردى. بىر بېلىقچى ئۆزى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن كېمە پالىقىنى باش مىنستىرغا سوۋغا قىلدى. لى كېچياڭ خۇشاللىق بىلەن پالاقنى ئېلىپ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ماڭا تەگدى، مانگروۋا ئورمىنى قوغداش، يېشىل ئارال بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بۇ يەردىكى بېلىقچىلار بىلىق تۇتۇشتىن ۋاز كېچىپ قۇربانلىق بەردى. بۇ پالاق بۇنىڭ گۇۋاھچىسى، ئۇنى مانگروۋا ئورمىنى موزىيىدا ئەتىۋارلاپ ساقلاش كېرەك، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر