جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاپرېل جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ساقچى ئىنىستىتۇتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە «ئوۋ بۈركىتى زەربىدارلار ئەترىتى»گە بايراق تەقدىم قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قوراللىق قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قوراللىق قىسىم دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرخىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىي ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتكە قىلىشى كېرەك. سۈرەتتە شى جىنپىڭ ئەترەت بايرىقىنى رەسىي يۇسۇندا «ئوۋ بۇركىتى زەربىدارلار ئەترىتى»نىڭ ئەترەت باشلىقىغا بەردى.