باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا نېۋادا ئىشتاتىدا خەلق ئەسكەرلىرى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى تۇردى(1)

2014.04.14 16:42   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئامېرىكا نېۋادا ئىشتاتىدا خەلق ئەسكەرلىرى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى تۇردى(1)

  ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 14-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا نېۋادا ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى يەر باشقۇرۇش ھەققىنى كەينىگە سۆرىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى كالىلارنى فېدېراتسىيە زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولغاندا، كەنتتىكىلەردىن تەشكىللەنگەن خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. 13-ئاپرېل، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى چېكىنىپ چىققانلىقىنى ھەمدە 300 تۇياق كالىنى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا نىېۋادا ئىشتاتىدىكى بىر چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى كلىۋېن بۇندى 1993-يىلىدىن باشلاپ فېدېراتسىيە يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىگە باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكتىن، قەرزى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى چارۋىچىلىق مەيدانىنى ‹‹تازىلىماقچى›› بولغان. نېۋادا ئىشتاتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىنلىككە تاجاۋۇز قىغانلىقى سەۋەبىدىن خەلق ئەسكەرلىرى ئەترىتى تەشكىللەپ، چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى بىلەن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ‹‹جەڭ››گە ئارىلاشقان.

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز