باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەۋەر يېزىشتىن پايدىلىنىپ قاقتى–سوقتى قىلىشقا زەربە بېرىپ، تاراتقۇلارنىڭ ئەسلىي ئىجتىمائىي فۇنكسىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەيلى

2014.04.14 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. خەۋەر يېزىشتىن پايدىلىنىپ قاقتى – سوقتى قىلغۇچىلار چىۋىندەك ئوۋلىشىۋېلىپ، يولۋاستەك ھەيۋە قىلىدىغانلار دەپ ئاتىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكىلەرگە ئېغىر رىيازەت سالدى. دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يېقىندا ‹‹جۇڭگو ئالاھىدە مەھسۇلاتلار گېزىتى››دىكىلەرنىڭ خەۋەر يېزىشتىن پايدىلىنىپ، قاقتى – سوقتى قىلغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خەۋەر يېزىشتىن پايدىلىنىپ قاقتى – سوقتى قىلغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى ئاشكارىلىدى.

  2011 – يىلى 7 – ئايدىن بۇيان، ‹‹جۇڭگو ئالاھىدە مەھسۇلاتلار گېزىتى››نىڭ مۇخبىرلىرى ليۇ خۇيلى، گو خۇەنجاڭ، ياڭ فېي كۆپ قېتىم نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇڭنىڭ ناھىيەسى ۋە لىڭۋۇ شەھىرىگە بېرىپ، شۇ جايدا ساقلىنىۋاتقان قىسمەن مەسىلىلەر توغرىسىدا قايتا – قايتا مۇخبىرلىق قىلغان ھەم شۇ جايدا كۆرۈلگەن ئاساسىي ئېتىزلارنى ئىگىلىۋېلىش، قۇرۇلۇش پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى خەۋەر قىلىمىز دەپ پوپۇزا قىلىپ، يەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى ئىلگىرى – كېيىن ئۈچ قېتىم 220 مىڭ يۈەن مەخسۇس بەت تەشۋىقات ھەققى بېرىشكە قىستىغان. تەشۋىقات ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن، ‹‹جۇڭگو ئالاھىدە مەھسۇلاتلار گېزىتى›› يەرلىككە ئالاقىدار ئىجابىي خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان.

  مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى گو خۇەنجاڭ 2011 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2012 – يىلى 2 – ئايغىچە ئىككى قېتىم نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇڭنىڭ ناھىيەسى ۋە لىڭۋۇ شەھىرىگە بېرىپ، يەرلىكتە ساقلىنىۋاتقان ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلىق قىلىپ، ‹‹يامان غەرەزدە قۇرۇلۇش پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش، خېرىدار چاقىرىشتا ھىيلە ئىشلىتىش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى چەتكە قېقىش، يۇقىرى سوممىلىق كاپالەت پۇلى ئېلىش›› قاتارلىق ساختا ئۇچۇرلارنى توقۇپ، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە قەتئىي ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خەۋەرلەرنى يازغان ھەم يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلارغا خەۋەرنىڭ ئورىگىنالى بىلەن تەنقىد خېتى ئەۋەتكەن ھەم كېلىشەلمىگەندىن كېيىن، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە قەتئىي ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خەۋەرلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئالاقە تورلىرىدا ئېلان قىلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان.

  جۇڭگو ئالاھىدە مەھسۇلاتلار گېزىتخانىسىدا خەۋەر يېزىشتىن پايدىلىنىپ قاقتى – سوقتى قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەنلىكتىن، ئۇنىڭغا مەسئۇل ئورۇن – جۇڭگو ئالاھىدە مەھسۇلاتلار گېزىتلىرى جەمئىيىتى 2013 – يىلى 9 – ئاپرېل ئۇنى گېزىتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇغان. لېكىن گېزىتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا، مەزكۇر گېزىتخانا ساۋاقنى قوبۇل قىلماي، كەسىپلارنى ئەستايىدىل ئۆزگەرتمەي، مۇخبىرلارنىڭ مۇخبىرلىق قىلىشىنى قاتتىق باشقۇرماي، خەۋەر يېزىشتىن پايدىلىنىپ قاقتى – سوقتى قىلىش مەسىلىسىنىڭ قايتا سادىر بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان. مەزكۇر گېزىتخانىنىڭ مۇخبىرى ۋاڭ مىڭزې 2013 – يىلى 8 – ئايدا شەنشى ئۆلكىسى شيەنياڭ شەھىرى بىنشەن ناھىيەسىگە بېرىپ مۇخبىرلىق قىلىشتىن پايدىلىنىپ، ھارام پايدا ئۈندۈرۈۋالماقچى بولغاندا، يەرلىك ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. كېيىن ئۇنىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى ئاساسىي قاتلاملاردا ئۇزاق مەزگىل خەۋەر يېزىشتىن پايدىلىنىپ قاقتى – سوقتى قىلىپ، جەمئىي 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان.

  بۇ ۋەقەلەردە مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرلىرى نازارەت قىلىش مەزمۇنىدىكى خەۋەرلەرنى يېزىشتىن پايدىلىنىپ، ھەقلىق خەۋەر يېزىپ ھارام پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش غەرىزىدە بولغان، قاقتى – سوقتى قىلىپ غەرىزىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، توردا ساختا خەۋەرلەرنى تارقاتقان، ھاتتا گېزىتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىنىش مەزگىلىدىمۇ خەۋەر يېزىشتىن پايدىلىنىپ قاقتى – سوقتى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ئالاھىدە مەھسۇلاتلار گېزىتخانىسى مۇخبىرلارغا مائاش بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە مۇخبىرلاردىن باشقۇرۇش ھەققى ئالغان. مەزكۇر گېزىتخانا ھەر بىر كىشىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپشۇرۇشىنى شەرت قىلىپ، ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، جەمئىيەتتىكىلەرگە مۇخبىرلىق كىنىشكىسى بېجىرىپ بەرگەن، كېيىن بۇ ئاتالمىش مۇخبىرلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، خەۋەر يېزىشتىن پايدىلىنىپ قاقتى – سوقتى قىلغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، گېزىتخانا رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەر بىر ئائىلىدىن بولۇپ، ئانىسى گېزىتخانا باشلىقى، قىزى باش مۇھەررىر، ئاتىسى خەۋەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، تىپىك جەمەت تۈسىنى ئالغان، تەشكىلىي ئاپپارات ۋە خادىملارنى باشقۇرۇش ناھايىتى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن.

  ھازىر دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ‹‹جۇڭگو ئالاھىدە مەھسۇلاتلار گېزىتى››نىڭ گېزىت چىقىرىش ئىجازەتنامىسى، ۋاڭ مىڭزېنىڭ مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، جۇڭگو ئالاھىدە مەھسۇلاتلار گېزىتخانىسىنىڭ باشقا خادىملىرىنىڭ مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈردى ھەم ۋەقەگە چېتىشلىق مۇخبىرلار بىلەن ليۇ خۇيلى، گو خۇەنجاڭ، ياڭ فېيلارنى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا دۇرۇس بولمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، ۋاڭ مىڭزې قاتارلىقلارنى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەزكۇر دېلو بۇ گېزىتنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش تارمىقىنىڭ گېزىتخانا مەسئۇلى بىلەن بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شۇلىن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە ھازىر مۇخبىرلىق كىنىشكىسى بارلار 258 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇ قوشۇننىڭ ئومۇمىي ساپاسى ياخشى، لېكىن بەزى مەسىلىلەرگە چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، قىسمەن مۇخبىرلارنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ناچار، قانۇن ئېڭى سۇس، بەزىلىرى كەسىپ ئەخلاقى ۋە شەخسىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىپ، ھەقلىق خەۋەر يازغان، ھەتتا خەۋەر يېزىشتىن پايدىلىنىپ قاقتى – سوقتى قىلغان. قىسمەن راست – يالغان مۇخبىرلار ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ قاقتى – سوقتى قىلغان، ئۇلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرغان، بەزىدە ئاۋۋال يامان ئۇچۇر تارقىتىپ، ئاندىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا بېرىپ ‹‹ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى›› بولۇپ، پۇل، ماللارنى قاقتى – سوقتى قىلغان؛ بەزىدە ئاتالمىش ئورىگىنالنى بېكىتىشنى باھانە قىلىپ، ئوچۇقتىن – ئوچۇق تەھدىت سېلىپ، قانۇنسىز تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ بەزىدە ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىگە تېلېفون ئۇرۇپ ياكى فاكس يوللاپ، ئەيىبىنى ئاچىمىز دەپ پوپۇزا قىلىپ، كارخانىلارنى ئالدىغا كېلىشكە قىستىغان؛ بەزىدە ئىقتىسادىي ماجىرالارغا ئارىلىشىپ، مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىنىڭ رولىنى ئويناپ، ئوتتۇرىدىن پۇل ئۈندۈرۈۋالغان. ئاساسىي قاتلامدىكى كىشىلەر غەزەپلىنىپ ئۇلارنى چىۋىندەك ئولىشىۋېلىپ، يولۋاستەك ھەيۋە قىلىدىغانلار دەپ ئاتاشتى. ئۇلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ياكى مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ نامىنى سېتىپ كىشىلەرنى قورقۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكىلەرنى ئېغىر رىيازەتكە ئۇچراتتى.

  ۋۇ شۇلىن مۇنداق دېدى: تاراتقۇلار پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تىلى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تاراتقۇلار ئارقىلىق مۇددىئاسىنى تۆۋەنگە يەتكۈزىدىغان بولۇپ، جەمئىيەتنى ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەيدىغان مۇھىم ۋاسىتە. لېكىن ھازىرقى خەۋەر يېزىشتىن پايدىلىنىپ قاقتى – سوقتى قىلىش ۋەقەلىرى جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىگە داغ تەگكۈزۈپ، تاراتقۇلارنىڭ نورمال جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، ئاخباراتچىلارنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، تاراتقۇلارنىڭ نوپۇزى ۋە ئىناۋىتىنى دەپسەندە قىلىپ، ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە بولۇپ قالدى. تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، تاراتقۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي فۇنكسىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر