باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەربنىڭ جازاسى رۇسىيە ئىقتىسادىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ

2014.04.14 16:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە قىرىمنىڭ ‹‹ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇشى››نى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزدى. تۇنجى نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە جەھەتتىن جازالاشنىڭ رۇسىيەگە كۆرسىتىدىغان ماھىيەتلىك تەسىرى چەكلىك بولسىمۇ، جازانىڭ دائىرىسى سىياسىي ساھەدىن ئىقتىسادىي ساھەگە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، رۇسىيەنىڭ ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان ئىقتىسادى زەربىگە ئۇچرىماي قالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا رۇسىيەنىڭ تاشقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى مەركىزىنىڭ شەرققە يۆتكىلىشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

  تۇنجى نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە جەھەتتىن جازالاشنىڭ تەسىرى چەكلىك بولىدۇ

  17 – مارت، يەنى قىرىمدا ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئاخىرلاشقان كۈننىڭ ئەتىسى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما رۇسىيەنىڭ يەتتە ئەمەلدارىغا ۋىزا بېرىشنى چەكلەش ۋە مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىق جازا تەدبىرلىرىنى قوللانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ توققۇز ئەمەلدارىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىلىك جازا قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  20 – مارت ئوباما رۇسىيەگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، رۇسىيە ئەمەلدارلىرىغا قارىتالغان جازالاش دائىرىسىنى كېڭەيتكەندىن باشقا، جازاغا ئۇچرىغان زاتلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان سودا بانكىسى – رۇسىيە بانكىسىنىمۇ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوباما رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي ساھەسىگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەسلىي بۇ يىل يازدا رۇسىيەنىڭ سوچىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىمۇ بايقۇت قىلىنىپ، رۇسىيەدىن باشقا يەتتە دۆلەت بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا باشلىقلار يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازاغا رۇسىيە ئىنكاس قايتۇرمىدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇش شەرتنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملارنى ئىمزالاپ، قىرىمنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاخىرقى قانۇن تەرتىپىنى تاماملىدى.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، غەربنىڭ ھازىرقى باسقۇچتا پۇتىن بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا ‹‹نۇقتىلىق زەربە بېرىشى›› پۇتىننىڭ قىرىمنى قوبۇل قىلىش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىدى، سمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى جازالاش تەدبىرلىرى رۇسىيەگە ھەقىقىي تەسىر كۆرسىتەلمىدى، ئەمما بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي جازالانىڭ رۇسىيەگە زور زەربە بولۇشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

  رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جازاغا تاقابىل تۇرۇشى تەس

  غەرب رەھبەرلىرى 26 – مارت ياۋروپا ئىتتىپاقى – ئامېرىكا باشلىقلىرى يىغىنىدا بىردەك مۇنداق دېدى: ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي زېمىنىغا داۋاملىق ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، رۇسىيەگە ئېنېرگىيە ساھەسىگە چېتىلىدىغان ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىمىز. رۇسىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مالىيە كىرىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئېكسپورتىدىن كېلىۋاتىدۇ، غەربنىڭ جازاسى رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە جان تومۇرىنى ‹‹ئۈزۈپ›› قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەسلىدىنلا ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىقتىسادى زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

  جازا رۇسىيەنى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق مەركىزىنى ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەشكە قىستايدۇ

  ئۇزاقتىن بۇيان رۇسىيە ياۋروپانى ئاساسلىق ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق ھەمراھىمىز، دەپ قاراپ كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئېنېرگىيە ئەڭ چوڭ ھەمكارلىق ساھەسى ھېسابلىنىدۇ. كۆزەتكۈچى ئەربابلار مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي جازاسى رۇسىيەنى تاشقى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق نەزەرىنى ئاسىياغا يۆتكەشكە قىستايدۇ.

  بىرىنچىدىن، رۇسىيە ئاسىيا ئېنېرگىيە بازىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، جازا ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىق مەزگىلىدىن ئۆتۈۋالالايدۇ. رۇسىيە غەربنىڭ جازالىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى بازارلىرىغا پائال يۈزلىنىپ، بۇ دۆلەتلەرگە ئېنېرگىيەنى كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، ئاسىيادىكى كاپىتال ۋە تېخنىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالىشىدىن پەيدا بولغان بوشلۇقنى تولدۇرالايدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، ‹‹شەرققە يۈزلىنىش›› رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقنى ئېچىش ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر