باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ۋەزىپە رايونى جەنۇبقا سۈرۈلدى

2014.04.14 17:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل جىڭگاڭشەن ناملىق ھەربىي پاراخوتتىن بەرگەن خەۋىرى: بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 13-چېسلا جىڭگاڭشەن، كۇئېنلۇن، خەيكوۋ ناملىق ھەربىي پاراخوتلاردىن تەشكىللەنگەن ھەربىي پاراخوت ئەترىتى جەنۇبىي ھىندى ئوكياندىكى ۋەزىپە رايونىنى تەڭشەپ، دۇڭخەي قۇتقۇزۇش- 101، نەنخەي قۇتقۇزۇش-115 ناملىق پاراخوتلار بىلەن بىرلىكتە مالايشىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئايروپىلانىنى ماسلىشىپ ئىزدەش سالمىقىنى ئاشۇردى.

  12-چېسلا سائەت 19 لاردا، قوماندانلىق ئىشتابى دېڭىزدا قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بارلىق پاراخوتلارنى تەشكىللەپ، نەچچە يۈز دېڭىز مىلى يىراقلىقتىكى جەنۇبىي كەڭلىك 25~ــ23 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 95~93 گىرادۇسقا توغرا كېلىدىغان، تەخمىنەن 5100 كۋادرات دېڭىز مىلى كۆلەمدىكى يېڭى ۋەزىپە رايونىغا كېچىلەپ ئاتلاندى. 13-چېسلا چۈشتىن كېيىن يېڭى ۋەزىپە رايونىغا يېتىپ كېلىپ، جىڭگاڭشەن، كۇئېنلۇن، خەيكوۋ ناملىق ھەربىي پاراخوتلار ۋەزىپە رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى 3100 كۋادرات دېڭىز مىلى كېلىدىغان رايوندىكى ئىزدەش ۋەزىپىسىگە، دۇڭخەي قۇتقۇزۇش-101، نەنخەي قۇتقۇزۇش-115 ناملىق پاراخوتلار غەربىي شىمال قىسمىدىكى ئىزدەش ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولدى. (بەي رۈيشۆ، دۈن لياڭچۇەن، شياۋ يۇڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر