باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ماي بايرىمىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا كىچىك ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ

2014.04.14 16:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈەن لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلقى ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، يەنى 1 – ماي سەھەر سائەت 00: 0 دىن 3 – ماي سائەت 00: 24كىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا كىچىك ئاپتوموبىللار ھەقسىز يول يۈرۈش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدىكەن.

  ھەقسىز يول يۈرىدىغان ئاپتوموبىللار ھەق ئېلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا قاتنايدىغان يەتتە كىشىلىكتىن كىچىك ئاپتوموبىللار(يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ھەق ئېلىنىدىغان ئادەتتىكى يوللاردا قاتنايدىغان موتوسىكلىتتىنمۇ ھەق ئېلىنمايدۇ. ھەقسىز يول يۈرۈش مەزگىلىدە، ھەق ئېلىنىدىغان ئادەتتىكى يوللاردا ئاپتوموبىل ھەق پونكىتىدىن ئۆتكەن ۋاقىت ئاساس قىلىنىدۇ، يېپىق شەكىللىك يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا ئاپتوموبىل ھەق پونكىتىدىن ئايرىلغان ۋاقىت ئاساس قىلىنىدۇ (يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بېيجىڭ ۋاقتى).

  ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى خىزمەتلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، يوللاردا يۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەيدۇ ھەم تور پونكىتى، رادىيو، يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردىكى ئېلېكتىرونلۇق كۆرسىتىش ئېكرانى قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق يول، ھاۋا رايى، قاتناشنى ئىدارە قىلىش ئەھۋالى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، يول يۈرۈش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يول يۈرۈش لىنىيەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر