باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ 2–قېتىملىق سۇلۇق يەر بايلىقىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2014.04.14 16:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇلۇق يەر ئومۇمىي كۆلىمى 2 مىليون 528 مىڭ 800 گېكتار كۆپەيدى

  شى شىن، ليۇ جىيې خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2 – قېتىملىق سۇلۇق يەر بايلىقىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ سۇلۇق يەر ئومۇمىي كۆلىمى 3 مىليون 948 مىڭ 200 گېكتار بولۇپ، ئالدىنقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سۇلۇق يەر ئومۇمىي كۆلىمى 2 مىليون 528 مىڭ 800 گېكتار كۆپەيگەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇلۇق يەر تەبىئىي سۇلۇق يەر ۋە سۈنئىي سۇلۇق يەر، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، تەبىئىي سۇلۇق يەر 3 مىليون 678 مىڭ 300 گېكتار بولۇپ، سۇلۇق يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %93.16ىنى ئىگىلەيدۇ. سۈنئىي سۇلۇق يەر 269 مىڭ 900 گېكتار بولۇپ، سۇلۇق يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %6.84ىنى ئىگىلەيدۇ.

  تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىكى سۇلۇق يەر دۆلىتىمىزدىكى سۇلۇق يەر كۆلىمىدە بىر قەدەر چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەپلا قالماي، يەنە روشەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن. سۇلۇق يەر، ئاساسلىقى، دەريالارنىڭ مەنبە رايونى، بوستانلىق، ساي، ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆل ياقىسى قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سەزگۈر رايونلارغا تارقالغان بولۇپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنتايىن قىيىن ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭغا تەبىئىي سۇلۇق يەرلەر كەڭ تارقالغان، بولۇپمۇ كۆل سۇلۇق يەرلەر زور كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك رولى ۋە قىممىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق جايغا جايلاشقان شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر