- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى
2014.04.14 09:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى 11-،12-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2014-يىلى يەر شارى ئىقتىسادىينىڭ ئېشىش ئىستىقبالى بىر قەدەر كۈچەيدى، بىراق زور يەر شارى خاراكتېرلىك خەۋپ يەنىلا ساقلانماقتا. مۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك تەڭپۇڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مول، ئەمەلىي ۋە كونكرېت تەدبىرلەر بولغان، ئومۇميۈزلۈك ئېشىش ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى كېرەك. كەلگۈسى بەش يىلدا 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن سەۋىيە ئاساسىدا %2 دىن كۆپرەك ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئاساسىي مۇئەسسەسىگە مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سودا ۋە رىقابەت قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى تەدبىر قوللىنىپ، يەر شارى ئېشىش تەلىپى ۋە قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىتىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەمدە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى بىرلىكتە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ يىللىق باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن سىياسەت جەھەتتە تەييارلىق كۆرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر