بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2014-يىللىق يىغىنى 10-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋدا ئېچىلدى، باش مىنىستىر لى كېچياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «ئاسىيانىڭ تەرەققىيات يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى»دېگەن تېمىدا باش مەقسەتلىك سۆز قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئاسىيا تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر كونا مەسىلىلەرگە، شۇنداقلا نۇرغۇن يېڭى ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقماقتا. ئاسىيانىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تۈپ يىلتىزىدىن ئېيتقاندا تەرەققىياتقا تايىنىدۇ. تەرەققىيات دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ، تەرەققىيات كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. تەرەققىيات يەنىلا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ 1-مۇھىم ۋەزىپىسى.
بۇ يەردە مەن مۇنداق بىر قانچە نۇقتىلىق كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ، كۆپچىلىك بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى خالايمەن.
1-، ئورتاق تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيانىڭ مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش. مۇشۇنداق يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە ئالدىدا، ئاسىيا ئەللىرى داۋاملىق جاپا مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىپ، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئۆز-ئارا تولۇقلاشچانلىقىنى تەرەققىياتتىكى ئۆز-ئارا ياردەم بېرىدىغان كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ بىللە تۇرۇش، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
2-، سىڭىشىپ تەرەققىي قىلىش چوڭ قېلىپىنى ھاسىل قىلىپ، ئاسىيانىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈش. ئاسىيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ چىقىش يولى-ئىقتىسادنىڭ سىڭىشىشىدە. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرگە بېنگال، جۇڭگو، ھىندىستان، بېرما ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇشنى پىلانلاپ، جۇڭگو-شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى قېلىپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇ يىل يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
جۇڭگو رايون دائىرىسىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئاسىيانىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ كېڭىشىپ، بالدۇرراق رەسمىي قۇرۇشنى خالايدۇ.
3-، تىنچ تەرەققىيات چوڭ مۇھىتىنى قوغداپ، ئاسىياغا مەسئۇل بولىدىغان ئورتاق گەۋدىنى بەرپا قىلىش. رايون دۋالغۇشى ئاپەت، ئەتراپنىڭ مۇقىملىقى بەخت. ئاسىيانىڭ تەرەققىياتى تىنچ مۇقىم بولغان رايون مۇھىتىغا مۇھتاج، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي كاپالىتى.
بۇ يەردە مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، جۇڭگو داۋاملىق تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا ماڭىدۇ، ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ئەتراپ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىمىز قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ماجىرالارنى تىنچلىق ۋاسىتىسى بىلەن ھەل قىلىش تەشەببۇسىمىزمۇ ئېنىق. دېڭىز ھەمكارلىقىدىكى ئىجابىي ھەرىكەتنى كۈچەيتىشكە كۈچىمىزنىڭ بارىچە مەدەت بېرىمىز، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بۇزىدىغان ئىغۋارىگەرچىلىك قىلمىشلارغا كەسكىن ئىنكاس بىلدۈرىمىز.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادى ھەرىكەتتە مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاش جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىشىنىڭ ئاساسىي تەلىپى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي يۆنىلىش. بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۈستىدە ئىزدىنىش، بىز مۇنداق ئۈچ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
1-، ئىسلاھاتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىش. بىز ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق ئېنىق بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سەلبىي تىزىملىكنى باشقۇرۇش قېلىپىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئارقىلىق، پايدىلىق تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈرىمىز ھەمدە باشقا رايونلاردا ئومۇملاشتۇرىمىز.
2-، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىش. شەھەر يېزىلار، رايونلار پەرقىنى كىچىكلىتىش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، قۇرۇلمىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولىمىز.
3-، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىش. خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى تۈرتكىلىك رولى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ.بىز ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ خەلقنىڭ كىرىمىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرىمىز، تېخىمۇ ئىجابىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىگىلىك يارىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىشسىزلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك يارىتىشىغا مالىيە باج پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىمىز.
لى كېچياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: 30 نەچچە يىل تېز ئېشىش ئارقىلىق جۇڭگو ئىقتىسادى سۈپەت،ئۈنۈم، دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. بىز ئەگرى-توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتۈپلا قالماستىن بەلكى ئۇزۇنغىچە مۇقىم ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ جاسارىتى، ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو ھېكايىسىنىڭ يېڭى مۆجىزىسىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى