باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراماي–چۆچەك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى باشلاندى

2014.04.14 16:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ جيې خەۋەر قىلىدۇ: تەخمىنەن 5 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان قارامايدىن چۆچەك شەھىرىگە تۇتىشىدىغان شېرىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 11 – ئاپرېل رەسمىي باشلاندى. بۇ تۆمۈريولنىڭ ياسىلىشى بىلەن تارباغاتاي ئويمانلىقىدا تۆمۈر يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، ئۇزاقتىن بۇيانقى يول تورى ئەندىزىسى بىر خىللا بولۇش ئەھۋالى ئۆزگەرتىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ يىپەك يولىنىڭ شىمالىي لىنىيە تۆمۈريولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 11 – ئاپرېل قۇرۇلۇش باشلانغان ئاقبۇلاقتىن تۆمۈرتامغىچە بولغان يول بۆلىكى قاراماي – چۆچەك تۆمۈريولىنىڭ بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا جەمئىي 1 مىليارد 379 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قاراماي – چۆچەك تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 308 كىلومېتىر كېلىدىكەن. لايىھەگە ئاساسەن، قاراماي – چۆچەك تۆمۈريولى كۈيتۈن تۆمۈريولىنىڭ قاراماي شەھىرىدىكى ئاقبۇلاق بېكىتىدە تۇتاشتۇرۇلۇپ، قاراماي شەھىرى بىلەن ئاقبۇلاق نېفىتلىكىنى بويلاپ شىمالغا سوزۇلۇپ، تولى ناھىيەسىنىڭ تۆمۈرتام بازىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسى، چۆچەك شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ ئاخىرقى بېكەت باقتۇ بېكىتىگە تۇتاشتۇرۇلىدىكەن. بۇ تۆمۈريولنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىپ، 2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن.

  قاراماي – چۆچەك تۆمۈريولى پۈتسە شىنجاڭدىكى بەشىنچى چوڭ كۆمۈرلۈك بولغان بەيياڭخې كۆمۈرلۈكىنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى سېتىش يولىنى ھازىرقى 100 كىلومېتىردىن 500 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېڭەيتىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالتاي، قاراماي، كۈيتۈن، بۆرتالا، چۆچەك شەھىرى ۋە بىڭتۈەن 5 – شىسىنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى كۈچلۈك ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن.

  قاراماي تۆمۈريولىنى باقتۇ پورتىدا ئۇزارتىپ قازاقىستان تۆمۈريولىغا تۇتاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەتتا ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇشقا بولىدىكەن. شەرقتە كۈيتۈن – بېيتۇن تۆمۈريولى، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى، لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولى، باۋتۇ – لەنجۇ تۆمۈريولىغا تۇتاشتۇرۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېجىنا، باۋتۇ قاتارلىق رايونلىرىغا يەتكۈزگىلى بولىدىكەن. بۇ تۆمۈريول ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن مەملىكىتىمىزنىڭ بوخەي دېڭىز قولتۇقىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان يەنە بىر قۇرۇقلۇق يولى بولۇپ قالىدىكەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر