- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كورىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنى ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى
2014.04.14 09:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كورىيە ھۆكۈمىتى 12-ئاپرېل ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنى ياسوكونى ئىبادەتخانىسى تاۋاپ قىلىشنى تېزدىن توختىتىپ، تارىخنى ئويلىشىشىقا دەۋەت قىلدى.
كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياپونىيە كابىنېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزلىرىنى ئىزچىل تۈردە تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئەندىشىسىنى كۆزگە ئىلماي، ياسوكونى ئىبادەتخانىسىدىكى ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىدىكى ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى، بۇ ياپونىيە كابىنېت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىلگىرى ياپونىيە جاھانگىرلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان قوشنا دۆلەتلەرگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلغان ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىكى. كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى دەۋرنى بۇرمىلايدىغان بۇ خىلدىكى خاتا ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىپ، تارىخىنى قايتا ئويلىشىشى ھەمدە ئىشىنىش ئاساسىدا كورېيە-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر