باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يەندۇڭ خېنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.04.14 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ليۇ يەندۇڭ خېنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاجىر مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىرىنى ياخشىلاپ، مەجبۇرۇىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا زوچ كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسپىي مائارىپتا كەسىپلەر بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش، مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كۆپ خىل تەبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە جىسىمسىز ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى موزېيى ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، خەلقئارادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادى تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇناسىۋىتى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىش، مەدەنىيەت بايلىقى ئۈستۈنلۈكىنى ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكى، خەلقنى بېيىتىش ئۈستۈنلۈكىگە تىرىشىپ ئايلاندۇرۇش كېرەك. مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئوبدان قاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر