باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2014.04.14 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا 2014-يىللىق نامراتلىق مەسىلىسى ۋە نامراتلارنى قۇتقۇزۇش، يۆلەش سىياسىتى مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر ئېلىمىزدە نامراتلىق مەسىلىسى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر، ئىككى قۇتۇپلاشقان جەمئىيەت خېيىم-خەتىرى ئۈزلۈكسىز توپلانماقتا؛ يېزىلاردىكى نامراتلىق مەسىلىسى ناھايىتى زور دەرىجىدە پەسىيىش بىلەن بىرگە، شەھەر-بازارلاردىكى نامرات مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جېڭ گوڭچېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: شەھەرلەرگە كىرگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ كىرىمى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولماقتا، ئۇلارنىڭ يېزىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ قىممەت شەھەر تۇرمۇشى تەننەرخىنى ئۈستىگە ئېلىشى ئاسان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش بىر ئەۋلاد شەھەرلىكلەرمۇ ئۆي باھاسى ۋە باشقا تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشى سەۋەبلىك نامراتلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ دۆلەت يېڭى دەۋرىدە نامراتلىققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغاندا تولۇق كۆڭۈل بۆلۈدىغان يېڭى ئەھۋال.

  شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر قۇۋۋىتى ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ياۋ جيەنپىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەڭ تۆۋەن مائاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئائىلىلەر دوست ئۆتۈش تىپىدىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈرىنى يولغا قويۇش ھەمدە مەنپىي تاپاۋەت بېجى لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، خىزمەت قىلىپ نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر