باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق «سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

2014.04.15 09:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  توردىكى شەھۋانىي ئۇچۇرلارنىڭ قايتا قايتا مەنئىي قىلىنسىمۇ تۈگىمىگەنلىكى، قايتا قايتا زەربە بەرسىمۇ يوقىمىغانلىقى، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكىي ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىۋاتقانلىقىدەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، مەملىكەت بويىچە «سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش» خىزمىتى ئىشخانىسى، دۆلەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن نويابىرغىچە مەملىكەت تەۋەسىدە توردىكى شەھۋانى ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىش «سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش، 2014-يىللىق تورنى تازىلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى بىر تۇتاش قانات يايدۇرۇپ، توردىكى شەھۋانى ئۇچۇرلارنى تازىلاشنى قارار قىلدى. شەھۋانى ئۇچۇرلارنى ياساپ تارقاتقان مەسىلىسى ئېغىر تور بېكەتلىرى، قانال، سەھىپىلەر قانۇن بويىچە بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ رەتكە سېلىنىدۇ ياكى تاقىۋېتىلىدۇ، ئالاقىدار مەمۇرىي ئىجازىتى قانۇن بەلگىلىمە بويىچە بىكار قىلىنىدۇ. قانۇنسىز تور بېكەتلىرى بىردەك قانۇن بويىچە تاقىۋېتىلىدۇ ياكى تورلاشتۇرۇش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. شەھۋانى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياساپ تارقىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ. شەھۋانى ئۇچۇر تارقىتىشقا شەرت ھازىرلاپ بەرگەن تېلېگراف تىجارەت مۇلازىمىتى، تورغا كىرگۈزۈش مۇلازىمىتى، ئېلان مۇلازىمىتى، ۋاكالىتەن ھەق يىغىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ ئالاقىدار جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ. ئالاقىدار خادىملارنىڭ خىزمەتتە بىپەۋارلىق قىلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ھەرىكەتلىرى بايقالسا قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئاخباراتتا ھەر قايسى تور بېكەتلىرى، ئاساسىي تېلېگراف تىجارەت كارخانىلىرى، تورغا كىرگۈزۈش مۇلازىمىتى كارخانىلىرىدىن ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش تەلەپ قىلىندى، ئاممىنىڭ ئەرز قىلىش ۋە مەلۇم قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر